باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«80-يىللاردا تۇغۇلغان» ئايالنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى بولۇشى قائىدىگە ئۇيغۇنمۇ ياكى يوشۇرۇن قائىدىمۇ؟

2013.01.21 16:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  80-يىللاردا تۇغۇلغان «گۈزەل قىز»نىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى (ھاكىم) بولۇشى زادى قائىدىگە ئۇيغۇن بولغانلىقمۇ ياكى يوشۇرۇن قائىدىمۇ؟ خەلق گېزىتى «ئىسپات تېپىش» سەھىپىسىنىڭ مۇخبىرى دۇڭگاڭ شەھىرىگە قاراشلىق لىياۋنىڭ دەندۇڭ شەھەرلىك تەشكىلات تارمىقىنى، شۇ جايدىكى ئاممىنى، دۇڭ خەيتاۋنىڭ ئۆزى ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرىنى زىيارەت قىلدى. دەندۇڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ دائىمىي كومىتېت ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ليۇ شياڭياڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، دۇڭ خەيتاۋ تىزىمغا ئالدۇرغاندا بوخەي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانىنى كۆرسەتكەن، ئۇ لياۋدۇڭ ئىنىستىتۇتىنىڭ تاشقى ئىشلار باشقارمىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى(بۆلۈم دەرىجىلىك) بولغىلى بىر يىلدىن ئاشقان بولۇپ، پارتىيەسىز كادىر، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدۇ. ئاخىر دەندۇڭ شەھىرى 15 نەپەر ياش كادىرنى تاللاپ ئۆستۈردى، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 32.4 بولۇپ، دۇڭ خەيتاۋ ئەنە شۇلارنىڭ بىرى ئىكەن.

  زىيارەت داۋامىدا، دۇڭ خەيتاۋ باشتىن-ئاخىر كۈلۈمسىرەپ تۇردى. لېكىن ئۇنىڭغا بېسىم بولغانلىقى ئېنىق ئىدى. «مەن توغرىلىق توردا غۇل-غۇلا بولغانلىقىدىن ھەقىقەتەن ئىچىم پۇشتى، ھەيرانمۇ قالدىم، ماڭا ئۇۋال بولدى. مەن ئۆزۈمنىڭ قابىلىيىتىگە تايىنىپ نۇرغۇن رەسمىيەتلەردىن بىر-بىرلەپ ئۆتتۈم. بۇ نۆۋەت بىز 15 كىشى ئاشكارا تاللاپ ئۆستۈرۈلدۇق، بەزىلىرى تېخى مەندىنمۇ ياش، نېمىشقا مەندىنلا گۇمانلىنىدۇ؟ دەسلەپتە كاللامدىن ئۆتمىدى، ھازىر كۆڭلۈم تىنچ تاپتى. تورداشلارنىڭ گۇمانىنى يامان ئىش دەپ كەتكىلىمۇ بولماس. مەن بۇ بېسىمنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي نەتىجە يارىتىمەن. مۇشۇ ئىش ئارقىلىق مەن تېخىمۇ پىشىپ يېتىلدىم، دېسەممۇ بولىدۇ.

  توردا غۇلغۇلا بولغان بولسىمۇ، دۇڭ خەيتاۋنىڭ كونا خىزمەتداشلىرىنىڭ قارىشىچە، ئۇنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى بولۇشى ھەرگىزمۇ تاسادىپىيلىق ئەمەس.

  پېنسىيىگە چىققان كادىر لى جۇڭيى مۇنداق دېدى، «مەن بۇ بىرنەچچە يىلدىن بۇيان دەندۇڭنىڭ كادىرلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈش ئىشىغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتىمەن. 2011-يىلى ئارتۇق نامزاتلىق سايلام ئارقىلىق تۆت ئىدارە باشلىقى سايلاندى، جۈملىدىن بۇ قېتىمقى ياش كادىرلارنى ئاشكارا تاللاپ ئۆستۈرۈشمۇ ھەقىقەتەن ئاشكارا ئېلىپ بېرىلدى. ئۇنىڭ نۇتۇقىنى تېلېۋىزوردا كۆردۈم، دۇڭ خەيتاۋنىڭ قابىلىيىتىگە ھەممەيلەن قول قويىدۇ. قابىلىيىتى بارلارنىڭ يېشىنىڭ چوڭ ياكى كىچىكلىكىگە، چىرايلىق ياكى سەتلىكىگە قارىماسلىق كېرەك.»

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە