باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ باينغولىندا تەبىئىي گاز ئاپتوموبىلى ھەق يىغىش پونكىتىدا پارتلاپ كېتىپ، ئېغىر ھادىسە كېلىپ چىققىلى تاس قالغان

2013.01.17 17:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورىنىڭ 17-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. 15-يانۋار سائەت 21 ئەتراپىدا، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئوبلاستىدا تەبىئىي گاز قاچىلانغان ۋاگونلۇق ئاپتوموبىل ھەق ئېلىش پونكىتىدا چاقىغا ئوت كەتكەن. ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى نەق مەيدانغا ۋاقتىدا يېتىپ بېرىپ، ئاپتوموبىلدىكى ئوتنى ۋاقتىدا ئۆچۈرۈپ، بىر مەيدان ئېغىر ھادىسە كېلىپ چىقىشتىن ساقلىنىپ قالغان.

  سائەت 21 دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ئۆت ئۆچۈرۈشكە قوماندانلىق قىلىش مەركىزى خوتەن-كۇچا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدىكى قارا شەھەر ھەق ئېلىش پونكىتىدا پىرسلانغان تەبىئىي گاز توشۇش ئاپتوموبىلنىڭ چاقىغا ئوت كەتكەنلىكى توغرىسىدىكى مەلۇماتنى تاپشۇرۇپ ئالغان. ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەندە نومۇرى «冀R-65051» بولغان سىتەيئېر يېرىم ئاسقۇچلۇق ئاپتوموبىل ئېلىپ ماڭغان، نومۇر تاختىسى «津BH750» ، سىغىمى 3.2 توننىلىق تەبىئىي گاز توشۇش ۋاگونلۇق ئاپتوموبىلىنىڭ چاقىغا ئوت كەتكەن، كۈچلۈك ئوت ۋاگوننىڭ سىرتقى قەۋىتىنى كۆيدۈرۈپ تۇرغان، پىرسلانغان تەبىئىي گاز قاچىلانغان ۋاگونلۇق ئاپتوموبىل ھەق يىغىش پونكىتىنىڭ ئىچىدە بولۇپ، ئەھۋال ئىنتايىن قالايمىقان ئىندى، پىرسلانغان تەبىئىي گاز قاچىلانغان ۋاگونلۇق ئاپتوموبىلى پارتلاپلا كەتسە ئىنتايىن ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقاتتى.

  شۇنىڭ ئۈچۈن، ئوت ئۆچۈرگۈچى خادىملار خېمىيەلىك خەتەرلىك بويۇمنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش ئوت ئۆچۈرۈش پىلانىنى باشلىغان، 21 دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە ئوت دەسلەپكى قەدەمدە كونترول قىلىغان، ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈپ، ۋاگوندا گاز چىقىپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەنلىكى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى ئومۇمىي ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، 22 دىن 5 مىنۇت ئۆتكەندە ئوت پۈتۈنلەي ئۆچۈرۈلۈپ، بىر مەيدان ئېغىر ھادىسە كېلىپ چىقىشتىن ساقلىنىپ قالغان.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ ۋاگونلۇق ئاپتوموبىل شىنجاڭ لىخۇ لۈييۈن يېڭى ئېنىرگىيە چەكلىك شىركىتىنىڭ ئاپتوموبىل بولۇپ، خوشۇتتىن 22-تۈەنگە تەبىئىي گاز ئېلىپ مېڭىپ، قارا شەھەر ھەق يىغىش پونكىتىغا كەلگەندە چاققا ئوت كەتكەن ئىكەن. نۆۋەتتە ئوت كېتىش سەۋەبى تەكشۈرۈلىۋاتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە