خەلق تورىنىڭ 18-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. ئىراندىكى ھەر ساھە زاتلىرى 17-يانۋار، دوست-يارەنلىرىنى ئېلىپ، جۇڭگونىڭ ئىراندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا كېلىپ، « شادلىققا چۆمگەن چاغان بايرىمى ئىراندا» دېگەن تېمىدىكى پائالىيەتكە قاتنىشىپ، بۇ جايدىكى جۇڭگولۇقلار بىلەن بايرامنى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان چاغان بايرىمىنى كۈتۈۋېلىپ، جۇڭگودىكى يېڭى يىل كەيپىياتىنى ھېس قىلدى.