- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


مائارىپ مىنىستىرلىقى مەكتەپلەرنى تىزگىنلەش پىروگراممىسىنى يولغا قويدى
2013.01.17 15:24 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مائارىپ مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان «مەكتەپلەرنى قانۇن بويىچە تىزگىنلەشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشنى يولغا قويۇش پىروگراممىسى »غا ئاساسەن، ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇشقا قاتنىشىش، ئۆزىنى-ئۆزى تەرەققىيات قىلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھوقۇق مەنپەئەتى مەدەنىي قېلىپلاشقان كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدۇ.
پىروگراممىدا 9 جەھەتتىن ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مەكتەپلەرنى باشقۇرۇش نۇقتىئىنەزىرى ۋە ۋاسىتىسى، شەكلىدە بۇرۇلۇش ياسىشىغا سىستېمىلىق تەلەپ قويۇلدى. پىروگراممىغا ئاساسەن، 2015-يىلىغا بارغاندا، ئېلىمىزدە بىر مەكتەپتە بىردىن نىزامنامە بولۇش قېلىپى شەكىللەندۈرۈلىدۇ. ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان باشقۇرۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلۇشتىن بۇرۇن، مۇۋاپىق ئېلان قىلىش تەرتىپى ۋە مۇددىتى ئېلان قىلىنمىغانلىرىنى يولغا قويۇشقا بولمايدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە