- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئامېرىكىلىق 180 كىلوگىراملىق ئايالنىڭ جېنى ئامان قالدى
2013.01.15 16:15 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
نۇرغۇن ئاياللار ‹‹ئارتۇقچە ماي ›› نى چىش-تىرنىقىغىچە ئۆچ كۆرىدۇ . ھالبۇكى ، تەن ئېغىرلىقى 400 قاداق (تەخمىنەن 181 كىلوگىرام) كېلىدىغان Ulanda Williams نىڭ بەدىنىدىكى ئارتۇقچە مايلار ھالقىلىق پەيتتە ئۇنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالدى ـــ ئۇ يەتتە باسقۇچ پەلەمپەيدىن يىقىلىپ ، بىر يەر ئاستى ئۆيگە چۈشۈپ كېتىپمۇ ، جېنى ئامان قالدى . ھەتتا ئۇلاندا ئۆزىمۇ ھەيران قىلىپ مۇنداق دېدى : ئەگەر بىر زىلۋا ئايال مۇشۇنداق تاسادىپىي ھادىسىگە ئۇچرىغان بولسا، گەپ يوق ئۆلگەن بولاتتى .
ئەنگىلىيە ‹‹ كۈندىلىك پوچتا گېزىتى ›› نىڭ 13-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە ، 32 ياشلىق ئۇلاندا 11-يانۋار كەچتە مانخاتتاننىڭ شەرقىي رايونىدىكى بىر ئاشخانىنىڭ سىرتىدا يامغۇردىن دالدىلىنىۋاتقاندا ، ئېھتىياتسىزلىقتىن تېيىلىپ يەرگە يىقىلىپ كېتىپ، يەتتە باسقۇچلۇق پەلەمپەيدىن دومىلاپ چۈشۈپ ، بىر يەر ئاستى ئۆيگە كىرىپ كەتكەن . ئۇنىڭ بىلىكى ئىككى يەردىن سۇنغان. كېيىن ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى كران بىلەن ئۇنى قۇتقۇزۇپ چىققان .
دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىن ، ئۇ ئاخبارات ۋاستىلىرىغا مۇنداق دېگەن : ‹‹ تەڭرىگە مىڭ شۈكۈر ، سېمىز بەدىنىم مېنى قۇتقۇزۇپ قالدى ›› .
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە