باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مائارىپ

ش ئۇ ئا ر مائارىپ نازارىتى يەسلىدە باشلانغۇچ مەكتەپ دەرسلىك مەزمۇنلىرىنى ئوقۇتۈشنى چەكلىدى

2013.01.16 15:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۈگۈندىن باشلاپ، يەسلىدە باشلانغۇچ مەكتەپ دەرسلىكىنى ئالدىن ئوقۇتۈش، باشلانغۇچ مەكتەپكە ئىمتىھان ئېلىپ، تاللاپ قوبۇل قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللار شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى تەرىپىدىن ئېنىق ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ چەكلەندى.

  تۆنۈگۈن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، ھەر قايسى جايلاردا «3-6 ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ ئۆگىنىش ۋە تەرەققىيات كۆرسەتكۈچى»نى تەجرىبە قىلىش ۋە تەجىرىبىنى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشنى تەلەپ قىلىپ، مۇناسىۋەتلىك يانداش سىياسەتلەرنى تۈزۈپ چىقىپ، تەدبىر قوللىنىپ، يەسلىدە باشلانغۇچ مەكتەپ دەرسلىكىنى ئالدىن ئۆگىنىشكە تەشكىللەشنى چەكلەپ، باشلانغۇچ مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى چۆرىدەپ قانات يايدۇرۇلغان ھەرخىل شەكىلدىكى باھالاش، يۈز تۇرانە ئىمتىھان، سىناق ئېلىش قاتارلىق تاللاش خاراكتېرلىك ئىمتىھانلارنى بىكار قىلىپ، باشلانغۇچ مەكتەپ 1-يىللىقىدا ھەر قانداق باھانە بىلەن دەرسنى ئازايتىش ياكى دەرس ئۆتۈش سۈرئىتىنى تېزلىتىشنى چەكلەپ، يەسلى بىلەن باشلانغۇچ مەكتەپنى قوش يۆنىلىشلىك تۇتاشتۇرۇش ئۈستىدە ئىزدەندى. بۇنىڭدىن باشقتا يەنە، ھەر قايسى جايلار تەجىرىبە رايونى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، بىر ۋىلايەتتە بىر ناھىيەنى ، بىر ناھىيەدە 1-2 گىچە يەسلىنى سىناق نۇقتىسى قىلىشنى چىڭ تۇتىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە