- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئامېرىكا جازا ئارقىلىق ئىراننىڭ ئىقتىسادىنى ۋەيران قىلىۋېتىدۇ(1)
2013.01.14 09:38 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئىراننىڭ نېفىت مىنىستىرى 7-يانۋار پارلامېنت خامچوت كومىتېتىغا، ئامېرىكا قاتارلىق غەرب ئەللىرىنىڭ جازاسىنىڭ تەسىرىدە، ئىران نېفىتىنىڭ ئېكسپورت مىقدارىنىڭ ئۆتكەن 9 ئايدا %40 تۆۋەنلىگەنلىكىنى، نېفىت ئېكسپورت پايدىسىنىڭ %45 ئازايغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ ئىران نېفىت مىنىستىرلىقىنىڭ تۇنجى قېتىم نېفىت ئېكسپورتىنىڭ تۆۋەنلىگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشى. خەلقئارا ئېنېرگىيە ۋازارىتىنىڭ 8-يانۋار تەمىنلىگەن مەلۇماتىغا قارىغاندا، ئىران 2012-يىلىنىڭ ئاخىرىدا كۈنىگە خام نېفىتتىن 1 مىليون باك ئېكسپورت قىلغان، 2011-يىلنىڭ ئاخىرىدا بولسا 2 مىليون 400 مىڭ باك ئېكسپورت قىلغان. نېفىت ئېكسپورتى ئىران دۆلەت كىرىمىنىڭ %80ىنى ئىگىلەيدۇ، بىراق ھازىر ئىراننىڭ نېفىت ئىشلەپ چىقىرىش مىقدارى 1988-يىلى ئىراق-ئىران ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالغان.
جازانىڭ تەسىرىدە، ئىران ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان قەرزى 144 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى، يېقىلغۇ كەمچىل بولغانلىقتىن، مەزكۇر ئاۋىياتسىيە شىركىتى نۇرغۇن دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا لىنىيەلەرنى توختاتتى. 8-يانۋار، ئىران نېفىت مىنىستىرلىقى مۇنداق دېدى: ئىران ئاۋىياتسىيە شىركىتى يېقىلغۇ سېتىۋالماقچى بولسا، چوقۇم نەق پۇل بېرىشى ھەمدە بۇرۇنقى قەرزلىرىنى تۆلەپ بولۇشى كېرەك. نېفىت ئېكسپورتىنىڭ تۆۋەنلىشى ئىران رىيالىنىڭ تېز سۈرئەتتە پاخاللىشىشىغا سەۋەبچى بولدى، يېقىنقى بىر يىلدىن بۇيان ئىران رىيالى %80 پاخاللىشىپ، ئىمپورت بويۇملارنىڭ باھاسى شىددەت بىلەن ئۆسۈپ كەتتى. ئىراندا ھازىر پۇل پاخاللىشىش ناھايىتى ئېغىر بولۇپ، نۇرغۇن ئوتتۇرا كىچىك كارخانىلارنىڭ ھېسابات قىلىدىغان ۋە خادىملىرىغا مائاش بېرىدىغان پۇلى يوق، ئىشسىزلىق ئەھۋالىمۇ بۇنىڭغا ئەگىشىپ ناھايىتى ئېغىرلىشىپ كەتتى، پۇل-مۇئامىلە جازاسى تاشقى پېرېۋوتنىڭ ئازىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، زاكاز قىلغان 7 پاراخوت ئۇكرائىنا ئاشلىقىنىڭ پۇلىنى ۋاقتىدا بېرەلمىدى. ئىران تېخى ھىندىستانغا 144 مىليون ئامېرىكا دوللىرى گۈرۈچ پۇلى قەرز بولۇپ قالدى. ئەيشا كەمچىل بولغانلىقى، پۇل پاخاللىشىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، ئىران بازىرىدىكى تۇخۇم، شېكەر، يېمەكلىك مېيى، كالا گۆشى، نان ۋە گۈرۈچلەرنىڭ باھاسى %30تىن %كېچە ئۆسۈپ كەتتى، جەمئىيەتتە تەۋرىنىش كۆرۈنۈشكە باشلىدى. ئەنگلىيە رادىيو شىركىتى: جازا ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى زىددىيىتىنى كۆرسىتىپ بەردى، دېدى. ئالدىنقى ھەپتە، ھۆكۈمەتتىكى بىردىن بىر ئايال مىنىستىر جازانىڭ دورىنىڭ كەمچىل بولۇشىغا سەۋەبچى بولغانلىقىنى ئەيىبلىگەنلىكى ئۈچۈن، نىجاد ئۇنى ئىشتىن بوشاتتى. چوڭ سايلام كېلىش ئالدىدا، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش ياكى مۇقىملاشتۇرالماسلىق، نىجادنىڭ ئۇدا ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشىدىكى بىر ئېغىر سىناق. ھازىر ئىراقنىڭ نېفىت ئىشلەپ چىقىرىش مىقدارى 20 يىل ئىچىدە تۇنجى قېتىم ئىراندىن ئېشىپ كەتتى، ھەمدە ئىراننىڭ خەلقئارا نېفىت بىلەن تەمىنلىگۈچىلىك ئورنىنى ئىگىلەۋاتىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە