- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئېلىمىز زور كۈچ سەرپ قىلىپ ئاپتوموبىل قالدۇق گازىدىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ
2013.01.15 13:47 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئېلىمىز دۇنيا بويىچە ئۇدا 3 يىل ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ئىشلەپچىقىرىش-سېتىشتىكى ئەڭ چوڭ دۆلەتكە ئايلاندى، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ بۇلغىشى ھاۋا بۇلغىنىشىنىڭ مۇھىم مەنبەسى بولۇپ، تۈتەك، فوتوخىمىيىلىك ئىس-تۈتەك بۇلغىنىشى پەيدا قىلىدىغان مۇھىم سەۋەب ھېسابلىنىدۇ. مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئېلىمىز ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ ئازوت ئوكسىدلار ئومۇمىي مىقدارىنى ئومۇميۈزلۈك كونتىرول قىلىپ، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، ئىشلىتىش ۋە بىراك قىلىش قاتارلىقلارنىڭ پۈتكۈل جەريانىنى نازارەتچىلىك قىلىش باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى قالدۇق گازىنىڭ بولغىشىدىن ساقلىنىشنى كۈچەيتىدۇ.
مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى تاۋ دېتيەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى خىزمەت سالمىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە، كەسىپلەرنىڭ تەرەققىيات پىلانى، شەھەر ئاممىۋى قاتنىشى، پاكىز يېقىلغۇ مېيى بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق جەھەتلەردىن ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ، ئاپتوموبىل، يېقىلغۇ ماي ۋە يولنىڭ ماس قەدەمدە تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاپتوموبىل قالدۇق گازىنىڭ ئاتموسفېرا مۇھىتى ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ ساغلاملىقىغا كۆرسىتىدىغان زىيىنىنى زور كۈچ بىلەن ئازايتىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە