باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچىدە شوپۇرلۇق مەكتەپلىرىنىڭ تەربىيەلەش ھەققى ئۆسمىدى

2013.01.14 16:54         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېڭى يىل باشلىنىشى بىلەن، ‹‹ ‹تارىختىكى ئەڭ قاتتىق› يېڭى بەلگىلىمە›› دەپ نام ئالغان يېڭى قاتناش قائىدىسى رەسمىي ئىجرا قىلىنىشقا باشلىدى، بۇنىڭ بىلەن، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شوپۇرلۇق مەكتەپلىرىنىڭ تەربىيەلەش ھەققى بەس-بەستە، شىددەت بىلەن ئۆسۈشكە باشلىدى، بىراق، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى شوپۇرلۇق مەكتەپلىرىنىڭ تەربىيەلەش ھەققى ئەسلىدىكى سەۋىيەنى ساقلاپ قالدى. 10-يانۋار، مۇخبىرنىڭ ئون نەچچە شوپۇرلۇق مەكتىپىدىن ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە، C1 پىراۋىنىڭ تەربىيەلەش ھەققى يەنىلا 2400 يۈەن بولۇپ، سالامەتلىك تەكشۈرۈش ھەققى قاتارلىق باشقا ھەقلەرنى قوشقاندا 3480~3800 يۈەن ئەتراپىدا ئىكەن. بۇ باھا يېڭى قاتناش قائىدىسى ئىجرا قىلىنىشتىن بۇرۇنقى باھا بىلەن ئوخشاش ئىكەن.

  ئۈرۈمچىدىكى بىر قىسىم شوپۇرلۇق مەكتەپلىرى خىزمەتچىلىرىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، نۆۋەتتە، ماي باھاسى ئۆسۈۋاتقان، مەكتەپنىڭ تۈرلۈك راسخوتلىرىمۇ ئېشىپ بېرىۋاتقان شۇنداقلا يېڭى قائىدە چىققاندىن كېيىن، ئۆگىتىش ئاپتوموبىللىرىنىڭ ئىشلىتىلىش ۋاقتى ئۇزىراپ، تەننەرخى ئېشىۋاتقان بولغاچقا، باھانى ئۆستۈرۈش زۆرۈر ئىكەن، بىراق، ئۇلار يەنىلا باھا ئۆستۈرۈش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشنى ساقلايدىكەن.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىسلاھات-تەرەققىيات كومىتېتىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىمنىڭ ئېيتىشىچە، نۆۋەتتە، ئۇلار باھا ئۆستۈرۈش ھەققىدىكى ھېچقانداق ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالمىغان، شوپۇرلۇق ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ تەربىيەلىنىش ھەققىنى تەڭشەش توغرا كەلسىمۇ، ئۇلار يەنىلا مال باھا تارماقلىرىنىڭ ھەق يىغىش يېڭى ئۆلچىمىنى ساقلايدىكەن، بۇنىڭدىن بۇرۇن، شوپۇرلۇق ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ تەربىيەلىنىش ھەققىگە قارىتا تەڭشەش ئېلىپ بارمايدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە