- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


جېنشيۇڭ ناھىيەسى تالاپەتكە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ جەسىتىنى بىر تەرەپ قىلىش مەسىلىسىدە ئۇلارنىڭ ئائىلە - تاۋابىئاتلىرىدىن كەچۈرۈم سورىدى
2013.01.15 15:52 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يۈننەن ئۆلكىسى جاۋتۇڭ شەھىرى جېنشيۇڭ ناھىيەسىدىكى تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسىدە قاز قىلغان 46 ئادەمنىڭ جەسىتى ئۇلارنىڭ ئۇرۇق - تۇققانلىرى قوشۇلمىغان ، بەزى ئائىلە–تاۋابىئاتلار ھەتتا تۇغقىنىنىڭ يۈزىنى ئاخىرقى قېتىم كۆرەلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا ، ناھىيەلىك دەپنە ئىدارىسىدا پۈتۈنلەي كۆيدۈرۋېتىلگەنلىكى ئۈچۈن ، بىر قىسىم قازا قىلغۇچىلار ئائىلە - تاۋابىئاتلىرى ۋە تۇققانلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان.
جېنشيۇڭ ناھىيەسى ‹‹ 11- يانۋار ›› تاغ گەۋدىسى گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسى جىددى قۇتقۇزۇش قوماندانلىق ئىشتابى مەسئۇل خادىمى 14-يانۋار تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېگەن : جېنشيۇڭ ناھىيەلىك پارتكوم ، خەلق ھۆكۈمىتى قازا قىلغۇچىلارنىڭ ئائىلە - تاۋابىئاتلىرى ۋە ئۇرۇق - تۇققانلىرىدىن سەمىمىي كەچۈرۈم سورىدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە