خەلق تورىنىڭ 14-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. شۇ يەر ۋاقتى 13-نويابىر ،ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوبامانىڭ ئىككىنچى قېتىم ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىنىڭ ئېلىپ بېرىلىشىغا ئەڭ ئاخىرقى بىر ھەپتە ۋاقىت قالدى. بۇ كۈنى، ۋاشىنگىتوندا بۇ داغدۇغىلىق مۇراسىم رېپىتىتسىيە قىلىندى. ئامېرىكا ھەربىي ئارمىيەسى ۋە باشقا قوغدىغۇچى ئارمىيەلەر دۆلەت پارلامېنت بىناسى ئالدىدا پاراتتىن ئۆتۈشنى رېپىتىتسىيە قىلدى، تۆت نەپەر «ئوبامانىڭ تەقلىدىي رول ئالغۇچىلىرى» ۋە بىرىنچى خانىم، مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ بايدىن ۋە ئۇنىڭ خانىمى قىسىمنى كۆزدىن كەچۈردى، تەشكىللىگۈچى تەرەپ يەنە ئوبامانىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش نۇتۇقى ۋە نۇتۇقتىن كېيىنكى نامايىشنى رېپىتىتسىيە قىلدى.
21-يانۋار، ئوباما 2-قېتىم زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرىدۇ.