باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى ھاۋا سۈپىتىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىشنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلدى

2013.01.15 14:12         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، جايلاردىن ئېغىر بۇلغىنىش بولغان ھاۋارايى شارائىتىدىكى ھاۋا سۈپىتىنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش ئالدىن مەلۇمات بېرىش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ، ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىدىن مۇداپىئە كۆرۈش ۋە كونتىرول قىلىشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، بۇلغىنىشنىڭ تەسىرىنى تىرىشىپ ئازايتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ تەن ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  ھاۋا سۈپىتىنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش نەتىجىسى ۋە ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش تەھلىلىدىن قارىغاندا، نۆۋەتتە شىمالىي جۇڭگو، خۇاڭخې- خۇەيخې، چاڭجياڭ-خۇەيخې دەرياسى ۋادىلىرى، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبى قاتارلىق ئوتتۇرا شەرقىي قىسىم رايونلاردا يەنىلا تۇمان باركەن، نۇرغۇن جايلارنىڭ ھاۋاسى ئېغىر بۇلغىنىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا ۋە تەن ساغلاملىقىغا زىيان سالغان.

  مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى ئېغىر بۇلغىنىش بولغان ھاۋارايى شارائىتىدىكى ھاۋا سۈپىتىنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش ئالدىن مەلۇمات بېرىش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، جايلاردىن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: 1) ھاۋا سۈپىتىنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئۆلچەپ تەكشۈرۈش ئەسۋابلىرىنىڭ مۇقىم ئىشلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش لازىم. 2) ھاۋارايى ئىدارىسى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ، بۇلغىنىش جەريانىنىڭ يۈزلىنىشىنى تەھلىل قىلىش ۋە ھۆكۈم قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ھەمدە رادىيو، تېلېۋىزىيە ، تور ۋە گېزىت قاتارلىق تاراتقۇلار ئارقىلىق، تەسىرگە ئۇچرىغان جايلاردىكى ئاممىغا ھاۋا سۈپىتى ئۇچۇرلىرىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ، ئاممىنىڭ مۇھىت ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولۇش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم. 3) ئېغىر بۇلغىنىش كۆرۈلگەن ھاۋارايى شارائىتى ئاستىدىكى جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بۇلغاشنىڭ تەسىرىنى ھەقىقىي يېنىكلىتىش لازىم. 4) ئۇششاق دانچىلاردىن ساقلىنىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىدىن مۇداپىئە كۆرۈش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەش لازىم. 5) ئېغىر بۇلغىنىش بولغان ھاۋارايى شارائىتىدىكى ھاۋا سۈپىتىنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش، ئالدىن مەلۇمات بېرىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، خىزمەت مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى چىڭىتىپ، نازارەتچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئېغىر بۇلغىنىش بولغان ھاۋارايى شارائىتىدىكى ھاۋا سۈپىتىنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش ئالدىن مەلۇمات بېرىش ۋە مۇداپىئە كۆرۈش، كونترول قىلىش خىزمىتىنىڭ تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە