- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


تەڭرى تېغىنىڭ شىمالى جۇڭگونىڭ غەربى قىسىمىدىكى ئىقتىسادىي يېڭى ئېشىش نۇقتىسى قىلىنىدۇ
2013.01.14 09:35 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
«تەڭرى تېغىنىڭ شىمالىدىكى ئىقتىسادى بەلۋاغ» نىڭ دۆلەت دەرىجىلىك رايون تەرەققىياتى ئومۇمىي پىلانىغا كىرگۈزۈلىشىگە ئەگىشىپ، بايلىق يولى چىرايلىق ئەگرى سىزىقنى تېخىمۇ ئۇزارتىپ، شىنجاڭ ھەتتا جۇڭگونىڭ غەربى قىسىم رايونىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات يېڭى يول خەرىتىسىنى شەكىللەندۈردى.
يېڭى يىل كىرىشى بىلەن شىنجاڭدىن ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە تۇتىشىدىغان تۇنجى تېز سۈرئەتلىك تۆمۈر يول-«لەنجۇ-شىنجاڭ تېز سۈرئەتلىك تۆمۈر يولى»نىڭ نۇقتىلىق كونترول خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشى بولغان قۇمۇل ئۆتۈشمە كۆۋرۈكىگە جازا ئورنىتىلدى، يىل ئىچىدە رېلىس ياتقۇزۇلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن شىنجاڭنىڭ كۆمۈرنى سىرتقا توشۇش ئىقتىدارى 300 مىليون توننىغا يەتكۈزۈلىدۇ. قۇمۇل پويىز ئىستانسىسىنىڭ جەنۇبىي بېكىتىمۇ يىل ئىچىدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ. شۇ چاغدا قۇمۇلدىن ئىبارەت غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش مۇھىم يولى، «شىنجاڭنىڭ توكىنى شەرققە باشلاش» ئاساسىي يولى، مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ شامال ئېلېكتىرى، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى بازىسىمۇ جۇڭگونىڭ غەربىدىكى مۇھىم تۆمۈر يول قاتناش تۈگۈنىگە ئايلىنىدۇ.
تەڭرى تېغىنىڭ شىمالى ئىقتىسادى بەلۋېغى شەرقتە قۇمۇلدىن باشلىنىپ، غەربتە غۇلجىغىچە بارىدۇ، ئۇزۇنلۇقى 1000 كىلومېتىر كېلىدۇ، ئۇنىڭغا شىنجاڭنىڭ %60 تىن ئارتۇق ئىقتىسادىي ئومۇمىي مىقدارى مەركەزلەشكەن بولۇپ، جۇڭگونىڭ غەربكە ئېچىشتىكى ئالدىنقى مەيدانى ھەمدە مۇھىم دەرۋازىسى، جۇڭگو قازاقىستان نېفىت تۇرۇبىسى، جۇڭگو-ئوتتۇرا ئاسىيا تەبىئىي گاز تۇربىسىدا نېفىت ۋە گاز تۇتاشتۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، بايلىق ھەمكارلىق ساھەسى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ، تەڭرى تېغىنىڭ شىمالى ئىقتىسادى رايونى ئېلىمىزنىڭ ئېنېرگىيە مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك بازىسىغا ئايلاندى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى كومىتېتى ئىقتىسادىي ھەرىكەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جاڭ دۇڭتاۋ مۇنداق دېدى: بۇ يىلدىن باشلاپ، شىنجاڭ بەش يىل ئىچىدە بۇ يادرولۇق رايوننى چۆرىدەپ، نېفىت، نېفىت خىمىيە، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى قاتارلىق 100 مىليارد يۈەندىن ئاشىدىغان سەككىز كەسىپ توپىنى يېتىلدۈرىدۇ: «نېفىتنىڭ كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، چوڭقۇر پىششىقلاپ ئىشلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدۇ، ئېنېرگىيەنىڭ چوڭقۇر ئۆزگىرىشىنى ئۆستۈرىدۇ، بۇ شىنجاڭنىڭ ئەۋزەللىكى.»
نۆۋەتتە قورغاس چېگرا ئېغىزىدىن ئۆتۈدىغان مال 10 مىليون توننىدىن ئېشىپ، دۆلەت ئىچىدە ياسالغان تاۋارلارنى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىگە ئېكسپورت قىلىشتىكى مۇھىم يولغا ئايلاندى؛ ئالىتاۋ چېگرا ئېغىزىنىڭ ئۇنىۋېرسال باجدىن خالى رايونى دۆلەتنىڭ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشىدىن ئۆتتى. چېگرا ئېغىزى ئىقتىسادى شىنجاڭ ۋە غەربى قىسىم رايونىنىڭ سىرتقا قارىتىلغان ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا زور دەرىجىدە تۈرتكە بولۇپ، تەڭرى تېغىنىڭ شىمالى ئىقتىسادىي رايونىنىڭ رايون ئەۋزەللىكى كېڭەيتىلدى ۋە ئۇزارتىلدى، بۆرىتالا ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاۋ چىڭ مۇنداق دېدى: بىزنىڭ ھازىرقى چېگرىدىن مال ئۆتكۈزۈش مىقدارىمىز مەملىكەت بويىچە قۇرۇقلۇق چېگرا ئېغىزلىرى ئىچىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، ھەر يىلى دۆلەتكە تاپشۇرىدىغان باج كىرىمىمىز 14 مىليارد 200 مىليون يۈەنگە يېتىدۇ. ئۇنىۋېرسال باجدىن خالى رايونلار پات ئارىدا تاموژنىنى تاقاپ ھەرىكەت قىلىپ، غەربتىكى باش كۆۋرۈكلۈك رولىنى يەنىمۇ گەۋدىلەندۈرىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى پەن شياۋلىن مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: تەڭرى تېغىنىڭ شىمالى ئىقتىسادىي رايونىنىڭ قۇرۇلۇشى تېزلىمەكتە، ئۇ پۈتۈن شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، غەربى رايون ئىقتىسادىنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ؛ تەڭرى تېغىنىڭ شىمالى ئىقتىسادىي بەلۋېغى ئارقىلىق غەربى رايوننى ئېچىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىشىك ئوتتۇرا ئاسىياغىچە ئېچىلىدۇ. بۇنىڭدىن شىنجاڭ ھەتتا پۈتكۈل غەربى شىمال، لەنجۇ شىنجاڭ لىنىيەسىدىن لىيەنيۈنگاڭ-لەنجۇ لىنىيىسىغىچە نەپكە ئېرىشىدىغان بولۇپ، دۆلەت ئىستراتېگىيىسىدىكى مۇھىم بۆسۈش.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە