- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئائىلە پىكاپلىرىنى براكقا چىقىرىش يىلىغا چەك قويۇلمايدۇ.
2013.01.15 13:39 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى، سودا مىنىستىرلىقى 14-يانۋار رەسمىي تورىدا «ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى مەجبۇرىي براك قىلىش ئۆلچىمى توغرىسدىكى بەلگىلىمە»نى ئېلان قىلدى. بەلگىلمىدە دۆلەتنىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ ئىشلىتىلىشى، بىخەتەرلىك تېخنىكىسى، بۇلغىما چىقىرىشىنى تەكشۈرۈش ئەھۋالى قاتارلىقلارنى ئاساس قىلىپ، براك قىلىش ئۆلچىمىگە يەتكەن ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى مەجبۇرىي براكقا چىقىرىدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. بەلگىلىمە بۇ يىل 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىكەن. (مۇخبىر ۋاڭ كې)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە