- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


شىنجاڭ بۇ يىل بىۋاستە بۇغداي تولۇقلىمىسىنىڭ ھەر كىلوگرامىنى 1 مو ئۆستۈردى
2013.01.14 09:36 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك نازارىتى يېقىندا مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى: شىنجاڭ بۇ يىل بۇغداي بىۋاستە تولۇقلىمىسىنىڭ ھەر كىلوگرامىنى 2 مودىن 3 موغا ئۆستۈرىدۇ. 2012-يىلى شىنجاڭدا دېھقانلارنىڭ ئوتتۇرىچە تۈرلۈك تولۇقلىما كىرىمى 400 يۈەندىن ئاشتى.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك نازارىتىنىڭ باشلىقى ئەزىز قېيۇم تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە دۆلەت بۇغداينى سېتىۋېلىش يېتەكچى باھاسىنى ھەر كىلوگرامىنى 2.04 يۈەندىن 2.24 يۈەنگە ئۆستۈردى. شىنجاڭ بۇ يىل بۇغداي بىۋاستە تولۇقلىمىسىنىڭ ھەر كىلوگرامىنى 1 مو ئۆستۈرىدۇ.
ئەزىز قېيۇم مۇنداق دېدى: 2012-يىلى دۆلەت ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تۈرلۈك يېزا ئىگىلىك تولۇقلىما ئۆلچىمىنى كەينى كەينىدىن ئۆستۈردى، دېھقانلارنىڭ سىياسەت خاراكتېرلىك كىرىمىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى. 2012-يىلى شىنجاڭ تۈرلۈك مەبلەغتىن 5 مىليارد 955 مىليون يۈەن ئورۇنلاشتۇردى، دېھقانلارنىڭ ئوتتۇرىچە تۈرلۈك تولۇقلىما كىرىمى 400 يۈەندىن ئاشتى. ئەزىز قېيۇم مۇنداق دېدى: 2012-يىلى دۆلەت يەنە ئاساسىي قاتلاملاردا يېزا ئىگىلىك تېخنىكىلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش سېستىمىسى قۇرۇلۇشىنى قوللاش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، 2012-يىللىق بۇغداي، شالنىڭ ئەڭ تۆۋەن سېتىۋېلىش باھاسى ۋە پاختىنىڭ ۋاقىتىلىق يىغىۋېلىش باھاسىنى ئالدىن ئېلان قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە بۇغداينىڭ ئەڭ تۆۋەن سېتىۋېلىش باھاسىنىڭ ھەر توننىسى 140 يۈەن، پاختىنىڭ ۋاقىتلىق يىغىۋېلىش باھاسىنىڭ ھەر توننىسى 600 يۈەن ئۆستۈرۈلدى، ھەر مىللەت دېھقانلىرىنىڭ كۆڭلى خاتىرجەم بولدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە