باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يىل بېشىدا ئىشلىتىلگەن توك ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتتى

2013.01.15 14:11         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك ئېنېرگىيە ئىدارىسى تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا 2012-يىلى پۈتۈن جەمئىيەتتە توك ئىشلىتىش مىقدارى 4 تىرىليون 959 مىليارد 100 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.5 ئاشقان، ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى يىلدىكىدىن 6.51 پوئىنت چۈشكەن، بۇ يىل 1-ئايدا كەسىپلەر ئەھۋالىدىن قارىغاندا، نۆۋەتتە پۈتۈن جەمئىيەتتە توك ئىشلىتىش مىقدارى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئاشقان، بۇ ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىش قەدىمىنىڭ تېزلىگەنلىكىنى كۆرسىىتىدۇ، دۆلەتلىك ئېلېكتىر نازارەت كومىتېتىنىڭ مۆلچەرىچە، ئەگەر 2013-يىلى ئىقتىساد ياخشى بولسا پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ توك ئىشلىتىش مىقدارىنىڭ ئېشىش نىسبىتى %9 دىن %10 گىچە بولىدىكەن.

  ئۆتكەن يىلى پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ توك ئىشلىتىش مىقدارىنى تۈرلەرگە بۆلۈپ قارىغاندا بىرىنچى كەسىپتە ئىشلىتىلگەن توك 101 مىليارد 300 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، 2011-يىلدىكى بىلەن تەڭلەشكەن، ئىككىنچى كەسىپتە ئىشلىتىلگەن توك 3 تىرىليون 666 مىليارد 900 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.9 ئاشقان، ئۈچىنچى كەسىپتە 569 مىليارد كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.5 ئاشقان.

  گېنېراتور ۋە توك تارقىتىش قۇرۇلمىسىدىن قارىغاندا پاكىز ئېنېرگىيە سالمىقى ئاشقان، 2012-يىلى پاكىز ئېنېرگىيە ئارقىلىق توك تارقىتىش گېنېراتور سىغىمچانلىقى 325 مىليون 580 مىڭ كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، ئومۇمىي گېنېراتورنىڭ %28.4 نى ئىگىلەپ ، ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىسىدىن 0.8 پوئىنت ئاشقان، پاكىز ئېنېرگىيە بىلەن تارقىتىلغان توك بىر تىرىليون 66 مىليارد 200 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، توك تارقىتىش مىقدارىنىڭ %21.4 نى ئىگىلەپ ، ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 3.9 پوئىنت ئاشقان.

  دۆلەتلىك ئېلېكتىر نازارەت كومىتېتىنىڭ تەھلىلىدە مۇنداق دەپ قارالدى: 2012-يىلى ئېلىمىزدە توك ئىشلىتىش مىقدارىنىڭ تېز ئېشىشى داۋاملىق چۈشۈشتىن مۇقىم ئېشىشقىچە بولغان جەرياننى بېسىپ ئۆتتى، ئېلېكتىر سانائىتىدە بولغان پائال ئۆزگىرىشتىن ئېلىمىزنىڭ تەرەققىيات ئۇسۇلىدا بۇرۇلۇش ياساش ۋە ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەشتە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىسىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە