- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


بېيجىڭ 70 نەچچە مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىپ، يېڭى ئايرودوروم سالماقچى
2013.01.15 13:41 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى، بېيجىڭنىڭ يېڭى ئايرودوروم قۇرۇلۇشى تۈرى 4 يىلغا سوزۇلغان ئۇزاق ئىلمىي دەلىللەش باسقۇچىدىن كېيىن ئاخىرى رەسمىي بېكىتىلدى.
بېيجىڭ يېڭى ئايرودوروم قۇرۇلۇشى قوماندانلىق بۆلۈمىنىڭ باش قوماندان ياردەمچىسى جۇ ۋېنشىڭنىڭ تۈنۈگۈن ئاشكارىلىشىچە، يېڭى ئايرودوروم قۇرۇلۇشى ئۆتكەن يىل 12-ئاينىڭ 22-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەن، بۇ يىل ئۇنىڭ قىسمەن دائىرىلىك قۇرۇلۇشى ۋە چېقىش-كۆچۈرۈش خىزمىتى باشلىنىدىكەن، قۇرۇلۇش كېلەر يىلى ئومۇميۈزلۈك باشلىنىپ، 2018-يىلى ئىشلىتىش شەرتىگە يەتكۈزۈش قولغا كەلتۈرۈلىدىكەن. ئىگىلىنىشىچە، ئايرودوروم قۇرۇلۇشىنىڭ سېلىنمىسى دەسلەپكى قەدەملىك مۆلچەردە 70 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ كەتكەن. (مۇخبىر لۇ پېيفا)
مەنبە خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە