باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇشنى تەكىتلىدى(1)

2013.01.06 09:30        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى ئەزالىرى، كاندىدات ئەزالىرىنىڭ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مۇھاكىمە كۇرسى 5-يانۋار مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىدە ئېچىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش سېكرېتارى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا مۇھىم سۆز قىلدى. ئېچىلىش مۇراسىمىغا جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى لى كېچياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى قاتناشتى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يول مەسىلىسى-پارتىيە ئىشلىرىنىڭ گۈللىنىشى ياكى خارابلىشىشى، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ياكى مەغلۇب بولۇشىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلە، يول دېگىنىمىز پارتىيەنىڭ جېنى دېمەكتۇر. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم-ئىلمىي سوتسىيالىزم نەزەرىيە لوگىكىسى بىلەن جۇڭگونىڭ جەمئىيەت تەرەققىيات تارىخى لوگىكىسىنىڭ دىيالېكتىكىلىق بىرلىكى، جۇڭگو زېمىنىغا يىلتىز تارتقان، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان، جۇڭگو ۋە دەۋرنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىلمىي سوتسىيالىزم، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇقەررەر يول. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ماركسىزملىق تەرەققىيات قارىشى، ئەمەلىيەت-ھەقىقەتنى تەكشۈرۈشنىڭ بىردىنبىر ئۆلچىمى دېگەن قاراشتا چىڭ تۇرۇپ، تارىخنىڭ تەشەببۇسكارلىقى ۋە ئىجادچانلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، دۇنيا، دۆلەت، پارتىيە ئەھۋالىدىكى ئۆزگىرىش ۋە ئۆزگەرمىگەن تەرەپلەرنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ، تاغقا دۇچ كەلگەندە يول ئېچىش، دەرياغا دۇچ كەلگەندە كۆۋرۈك سېلىش روھىنى مەڭگۈ نۇرلاندۇرۇپ، قەتئىي جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يۈرەكلىك ئىزدىنىپ، رېئال تۇرمۇش ۋە ئاممىنىڭ ئىدىيەسىدىكى جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىش ۋە جاۋاب بېرىشكە جۈرئەت قىلىپ ۋە ماھىر بولۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئۆزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزلۈكسىز بايقاپ، ئىجاد قىلىپ ۋە ئالغا بېسىپ، نەزەرىيە، ئەمەلىيەت، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئۆزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە