باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ داچا سېتىۋېلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئېلان قىلىندى

2013.01.05 13:59         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت نازارەت كومىتېتى 4- يانۋار تاراتقۇلار ئارقىلىق، قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ داچا سېتىۋېلىشى ۋە چېڭدۇ قىزىل كىرېست جەمئىتىنىڭ ئىئانە ساندۇقىدىكى ئىئانە پۇل پاختىلىشىپ قىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى. يېقىندا توردا ئاشكارىلانغان قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ بېيجىڭدا داچا سېتىۋېلىش ئىشىغا قارىتا، جەمئىيەت نازارەت كومىتېتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ۋاڭ يوڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى نەق مەيداندا تەكشۈرۈش ھەمدە چاۋياڭ رايونلۇق ئۆي مۈلۈك باشقۇرۇش ئىدارىسى ئارخىپ مەركىزىگە بېرىپ مۈلۈك ھوقۇقىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، قىزىل كىرېست جەمئىيىتى ۋە ئۇنىڭ نامى بىلەن ئالاقىدار خادىملارنىڭ ئىسمى يوقلىقى، مەزكۇر داچىنىڭ مۈلۈك ھوقۇقى ئولىمپىك باغچىسىغا تەۋە ئىكەنلىكى، جۇڭگو قىزىل كىرېست باش جەمئىيىتى بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوقلىقىنى ئىسپاتلىدى. ئۇ تاراتقۇلاردا خەۋەر قىلىنغان چېڭدۇ قىزىل كىرېست جەمئىيىتى ئىئانە ساندۇقىدىكى خەير ساخاۋەت پۇلى كۆپ يىللاردىن بۇيان ئېلىنماي خەلق پۇلى پاختىلىشىپ قالغانلىقى ئىشى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: چېڭدۇ قىزىل كىرېست جەمئىيىتى ئالاقىدار شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالىغاندا مەسىلە يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىكىنى ئالدىنئالا پەرەز قىلماي، ئالدىراقسانلىق بىلەن توختام ئىمزالىغان، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىدا مەسىلە كۆرۈلگەندىن كېيىن خىزمەت پوزىتىسىيەسى ئاكتىپ بولماي، ئىئانە پۇل ساندۇقىدىكى پۇلنىڭ پاختىلىشىپ قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە