
- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


شى جىنپىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇشنى تەكىتلىدى(3)
2013.01.06 09:30
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: كومپارتىيە ئەزالىرى، بولۇپمۇ پارتىيەلىك رەھبىرى كادىرلار كوممۇنىزمنىڭ ئۇلۇغۋار غايىسى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئورتاق غايىسىنىڭ مۇستەھكەم ئېتىقادچىلىرى ۋە سادىق ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچىلىرى بولۇشى لازىم. بىز ھەم جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىش قارىشىدا چىڭ تۇرۇشىمىز ھەم كوممۇنىزمنىڭ ئالىي غايىسىنى تۇرغۇزۇپ، پارتىيەنىڭ سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى تۈپ لۇشيەنى ۋە تۈپ پىروگراممىسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نۆۋەتتىكى ھەر بىر خىزمەتنى ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك. ئىنقىلابىي غايە ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، ئۇلۇغۋار غايە بولمىسا، لاياقەتلىك كومپارتىيە ئەزاسى بولغىلى بولمايدۇ؛ ئەمەلىي خىزمەتتىن ئايرىلغان قۇرۇق غايە بىلەن لاياقەتلىك كومپارتىيە ئەزاسى بولغىلى بولمايدۇ. لى كېچياڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: باش سېكرېتار شى جىنپىڭ مۇھىم سۆزىدە، سوتسىيالىزمنىڭ تارىخىي تەرەققىيات مۇساپىسى، بولۇپمۇ پارتىيەمىزنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تارىخىي مۇساپىسى ۋە ئۇلۇغ ئەمەلىيىتى ئۈستىدە ئىزدىنىشى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە راۋاجلاندۇرۇشتا ئىگىلەشكە تېگىشلىك بىر نەچچە مۇھىم نەزەرىيەۋى مەسىلىنى سىستېمىلىق ھەم چوڭقۇر شەرھلەپ بەردى. بۇ-پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ ۋە ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ئاڭلىقلىقى، قەتئىيلىكىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، ئۇنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرىشىمىز كېرەك.
مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە
نەشىر ھوقۇقى خەلق تورىغا مەنسۇپ
eamil: uyghur@people.cn 010- 6536 8367/ 65
Copyright © 1997-2009 by www.people.com.cn. all rights reserved