باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يېڭى يىللىق دەم ئېلىشتا شىنجاڭدا قىشلىق ساياھەت ئەۋج ئالدى

2013.01.05 14:09         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېڭى يىللىق بايرام مەزگىلىدە شىنجاڭدا قىشلىق ساياھەت ئەۋج ئالدى، شىنجاڭدىكى قار-مۇز ساياھىتى ۋە ئىسسىق بەلباغلارنى ساياھەت قىلىش بايرام مەزگىلىدىكى ساياھەت ئاساسىي ئېقىمىنى ھاسىل قىلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى يېڭى يىللىق ئۈچ كۈنلۈك دەم ئېلىشتا، «يىپەك يولى » قار تېيىلىش مەيدانى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 19 مىڭ 600 ( ئادەم / قېتىم ) غا يەتكەن، « قار لەيلىسى تېغى »، «ئاق بۇلۇت »، « ۋىستې » قاتارلىق قار تېيىلىش مەيدانلىرى كۈتۈۋالغان ساياھەتچىمۇ 10 مىڭ ( ئادەم / قېتىم) دىن ئاشقان. ئەڭ تۆۋەن باھا 100 يۈەن (ئادەم/ قېتىم) بويىچە ھېسابلىغاندا، «قار لەيلىسى »، «ۋىستې » قار تېيىلىش مەيدانلىرى مىليون يۈەندىن ئارتۇق، «ئاق بۇلۇت » قار تېيىلىش مەيدانىمۇ 800 مىڭ يۈەنگە يېقىن كىرىم قىلغان. ئالتايدىكى «گېنېرال » قار تېيىلىش مەيدانى ۋە مايتاغدىكى قار تېيىلىش مەيدانلىرىمۇ ساياھەتچىلەر بىلەن لىق تولغان. بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شىمالىي شىنجاڭدىكى ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاستلاردا نۇقتىلىق شەھەرلەرنى ئاساس قىلغان ھالدا بەس-بەستە قار-مۇز ساياھىتى بايراملىرى ئۆتكۈزۈلگەن.

  بۇنىڭدىن باشقا، يەنە «پەسىل قوغلاشقان » نۇرغۇن ساياھەتچى يۈننەن، تايلاند قاتارلىق جايلارغا ساياھەتكە بېرىشنى تاللىغان. شىنجاڭدىن چىقىپ ساياھەت قىلغۇچىلارنىڭ سانىمۇ بۇلتۇرقىدىن كۆرۈنەرلىك ئاشقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە