باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يېقىندا دائىمىي كومىتېتنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنىنى ئاچتى

2012.12.28 16:12         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 27-دېكابىر بېيجىڭ خەۋىرى:

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يېقىندا دائىمىي كومىتېتنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنىنى ئاچتى، يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاش، ئاممىغا بىلەن زىچ ئالاقىلىشىشتەك ئون تۈرلۈك بەلگىلىمە ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئىشخانىسىنىڭ دائىمىي كومىتېتنىڭ 10 تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى.

بۇ 10 تۈرلۈك بەلگىلىمە مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى ئاساسى قاتلام بىرىنجى سېپى ۋە ھەر مىللەت كادىرلار ئاممىسى ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، ھەر يىلى ئاساسى قاتلامدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ۋاقتى 40كۈندىن ئاز بولماسلىق. ئاددى بولۇش، ئامال بار كوللىكتىپ ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇش؛ ھەمرا بولغۇچىلار ۋە بىللە بارغۇچى خادىملارنى ئازايتىش، قاتلاممۇ قاتلام ھەمرا سەپلىمەسلىك؛ كۈتۈۋېلىشنى ئاددىيلاشتۇرۇش، ھەر قانداق شەكلىدە قارشى ئېلىش پىلاكاتى ئاسماسلىق، ئاممىنى قارشى ئېلىش ئۈزۈتۈشقا ئورۇنلاشتۇرماسلىق، مېھمانلارنى قارشى ئېلىش يۈزسسىدىن گىلەم سالماسلىق، گۈل تىزماسلىق، مەخسۇس ئەدەبىيات سەنئەت نومۇرلىرىنى تەشكىللىمەسلىك. ئالدىن ئورۇنلاشتۇرماسلىق، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىر ۋە ئاممىنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاتماسلىق ؛ ھەقىقىي ئىستىل ياخشىلاش، يىغىن سانىنى ئازايتىش، يىغىن سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش؛ مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش، دائىمىي كومىتېت ئەزالىرىنىڭ چەتئەلگە چىقىش زىيارەت پائالىيىتىنى قاتتىق كونترول قىلىش؛ دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى سەپەرگە چىقسا، قاتناشنى ئىدارە قىلماسلىق، يولنى قامال قىلماسلىق. ئاممىۋى پائالىيەتتە ئىھتىيات ۋاقتىنى ئامال بار قىسقارتىش، كىشىلەرنى قوغلىماسلىق، ئۆيلەرنى تاقاتقۇزۋەتمەسلىك، نورمال ئىشلەپچىقىرىش تىجارەت پائالىيەتلىرىنى توختىتىۋەتمەسلىك، چەكلىمە قويماسلىق؛ دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى باشلامچىلىق بىلەن جاپاغا چىداپ كۆرەش قىلىش، تىجەشلىك بىلەن ئىش بىجىرىپ ئىگىلىك تىكلەش، ھەشەمەتچىلىككە قەتئىي قارشى تۇرۇش، بەدخەجلىك، ئىسراپچىلىق قىلماسلىق؛ تۇرالغۇ، ئاپتوموبىل ئىشلىتىش جەھەتتە ئالاقىدار خىزمەت ۋە تۇرمۇش تەمىناتى بەلگىلىمىسىگە قاتتىق ئەمەل قىلىش، ئىسراپچىلىق پەيدا قىلمىغان ئالدىنقى شەرت ئاستىدا ئېلىمىزدە ئىشلەنگەن مۇستەقىل ماركىدىكى ئاپتوموبىللارغا تەدىرىجىي ئالماشتۇرۇش؛ تەشكىلنىڭ ۋە ئاممىنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، ياخشى ئىستىل ۋە غەيرەتكە كېلىش تىرىشىش روھى بىلەن ئۈلگە تىكلەپ، خەلقنىڭ ئىشەنچىسىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.


مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە