- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


چېڭدۇ-چۇڭچىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ سىچۈەن ئۆلكىسى نېيجياڭ بۆلىكىدە 16 ئاپتوموبىل كەينى-كەينىدىن سوقۇلۇپ كەتتى
2013.01.05 14:02
3–دېكابىر چۈشتىن كېيىن سائەت 15 ئەتراپىدا، چېڭدۇ–چۇڭچىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ سىچۈەن ئۆلكىسى نېيجياڭ بۆلىكىدە 16 ئاپتوموبىل ئارقىمۇ ئارقا سوقۇلۇپ، نۇرغۇن ئادەم ئوخشىمىغان دەرىجىدە يارىلانغان. ۋاقتىدا كەلگەن قۇتقۇزۇش خادىملىرىنىڭ ياردىمىدە قاپسىلىپ قالغان تۆت ئادەم قۇتقۇزىۋېلىنىپ، دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان.
سائەت 17 ئەتراپىدا، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول باشقۇرۇش ئورنى ۋە قاتناش ساقچى تارماقلىرىنىڭ خادىملىرى نەق مەيداننى تازىلاش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغان، لېكىن كەچ سائەت 18 گىچە بۇ يول بۆلىكىدە قاتناش راۋانلاشمىغان.
نۆۋەتتە، قاتناش ساقچى تارماقلىرى ۋەقەنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبىنى داۋاملىق تەكشۈرۋېتىپتۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە