باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

جۇڭگو رەھبەرلىرىنىڭ ئوبرازى تېخىمۇ ئستېرېئولاشتى

2012.12.27 17:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يىل ئاخىرىغا يېقىنلاشقانسېرى دۇنيادىكى ھەر قايسى چوڭ تاراتقۇلار بەس-بەستە «يىللىق ئىدىتلاش»لىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشقا باشلىدى، بۇنىڭدا «جۇڭگو» ئاچقۇچلۇق سۆزلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

  ج ك پ 18-قۇرۇلتىيى ۋە رەھبەرلىك ھوقۇقىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەنلىكى ھەر قايسى تاراتقۇلارنىڭ «يىللىق 10 چوڭ خەلقئارا خەۋەر»لىرىنىڭ بىرى بولدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ ۋە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ دائىمىي ئەزاسى لى كېچياڭنىڭ ئىسمى تۈرلۈك يىللىق ئاخبارات شەخسلىرى تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالدى.

  يېقىندا شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان «ج ك پ نىڭ يېڭى يوقىرى قاتلام سېپى»دىكى شەخسلەر توغرىسىدىكى ماقالىسى چەت ئەل تاراتقۇلىرى ئۇلاپ يوللايدىغان، باھالايدىغان قىزىق خەۋەر بولۇپ قالدى. ئۇلار جۇڭگو رەھبەرلىرى ئوبرازىنىڭ تېخىمۇ ئستېرېئولاشقانلىقىدىن ھەيران قالدى. ئالتۇن ھامان يالتىرايدۇ. سەلتەنەتلىك چوڭ دۆلەت بولغان جۇڭگو گۈللىنىش ئارزۇسىنى يۈرىكىگە تېڭىپ، ھەر بىر قەدىمىدە ئۆچمەس ئىز قالدۇرۇپ بۈگۈنگە كەلدى. مەيلى جۇڭگو قانچىلىك كىچىك پېئىل بولسۇن، دۇنيانىڭ نەزىرى يەنىلا ئىختىيارسىز ھالدا ئىلگىرى «سىرلىق» دەپ نام ئالغان بۇ زېمىنغا تاشلانماقتا.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە