- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ شىنجاڭ تارمىقى 58يىل ھادىسە سادىر قىلمىدى
2013.01.05 14:10 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
2012–يىل 12–ئاينىڭ 31–كۈنىگە قەدەر، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ شىنجاڭ تارمىقى ئۇدا 58 يىل ھېچقانداق ھادىسە سادىر قىلماي، دۆلەت ئىچى خەلق ئاۋىياتسىيە تىرانسپورت تارىخىدىكى بىخەتەر ئۇچۇش رېكورتىنى يەنە بىر قېتىم يېڭىلىدى.
سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 2012–يىلى جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ شىنجاڭ تارمىقى جەمئىي 163 مىڭ سائەت ئۇچۇشنى تاماملاپ، 6 مىليون 644 مىڭ ئادەم/ قېتىم يولۇچىنى بىخەتەر توشۇغان. 58 يىلدىن بۇيان، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ شىنجاڭ تارمىقى جەمئىي 1 مىليون 700 مىڭ سائەت ئۇچۇشنى تاماملاپ، 59 مىليون ئادەم/قېتىم يولۇچىنى بىخەتەر توشۇغان. ۋەقە سادىر قىلىش نىسبىتى بارلىق خەلق ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن تۆۋەن بولغان.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە