باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇشنى تەكىتلىدى(2)

2013.01.06 09:30        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى بىر نۇقتىغا يىغىنچاقلىساق، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە راۋاجلاندۇرۇش دېگەنلىك بولىدۇ. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پارتىيەمىز خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئېلىپ بارغان سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشنى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇرۇنقى ۋە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن كېيىنكى دەپ ئىككى تارىخىي مەزگىلگە بۆلۈشكە بولىدۇ، بۇ-ئۆز ئارا مۇناسىۋەتلىك ھەم زور پەرق بار ئىككى مەزگىل، بىراق ماھىيەتتە ھەممىسى پارتىيەمىزنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئېلىپ بارغان سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ھەققىدىكى ئەمەلىي ئىزدىنىشى. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم-ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تارىخىنىڭ يېڭى مەزگىلدىكى باشلىنىشى، لېكىن يېڭى جۇڭگودا سوتسىيالىستىك تۈپ تۈزۈم ئورنىتىلىپ بولغان ھەم 20 نەچچە يىللىق قۇرۇلۇش ئاساسىدا بەرپا قىلىنغان. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن كېيىنكى تارىخىي مەزگىل ئارقىلىق، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇرۇنقى تارىخىي مەزگىلنى ئىنكار قىلىشقا شۇنداقلا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇرۇنقى تارىخىي مەزگىل ئارقىلىق، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن كېيىنكى تارىخىي مەزگىلنى ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇ. ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتىن ئىبارەت ئىدىيە لۇشيەنىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي ئېقىم بىلەن تارماق ئېقىملارنى ئېنىق ئايرىپ، ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇپ، خاتالىقلارنى تۈزىتىپ، تەجرىبىلەرنى جارى قىلدۇرۇپ، خاتالىقلاردىن ساۋاق ئېلىش ئاساسىدا، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئىشلىرىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىش لازىم. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ماركسىزم جەزمەن دەۋر، ئەمەلىيەت، ئىلىم-پەننىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئۆزلۈكسىز راۋاجلىنىدۇ، ئۆزگەرمەي بىز ئىزدا توختاپ قالمايدۇ، سوتسىيالىزم ئەزەلدىن يول ئېچىپ ئالغا بېسىپ كەلگەن. جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە راۋاجلاندۇرۇش بىر مۇھىم پىرىنسىپ، يولداش دېڭ شياۋپىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن تۈپ تەپەككۇر ۋە تۈپ پىرىنسىپ بېكىتىپ بەرگەن، يولداش جياڭ زېمىن يادرولىغىدىكى پارتىيەنىڭ 3-ئەۋلاد مەركەز رەھبەرلىك كوللېكتىپى، يولداش خۇ جىنتاۋ باش سېكرېتارلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بۇ مۇھىم پىرىنسىپنى تېخىمۇ بېيىتتى. ھازىر بىز بىر ئەۋلاد كوممۇنىستلارنىڭ ۋەزىپىسى-بۇ مۇھىم پىرىنسىپنى داۋاملاشتۇرۇشتىن ئىبارەت. بىز كۈلپەت ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، خاتىرجەم شارائىتتا تۇرغاندا، خەۋپ-خەتەرنىمۇ ئويلاپ، بىلىدىغاننى بىلىمەن، بىلمەيدىغاننى بىلمەيمەن دېيىشىمىز؛ بىلگەندىن كېيىن تېرىشىپ شارائىت ھازىرلاپ، بىلىدىغاننى قىلىشىمىز، بىلمەيدىغان ئىشلارنى چىڭ تۇتۇپ ئۆگىنىپ، تېگى-تەكتىگە يېتىشىمىز، ھەرگىزمۇ بىخەستەلىك قىلماسلىقىمىز كېرەك.
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە