باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۇيغۇرچە يېزىقتىكى «قۇرئان كەرىم» نەشىردىن چىقىپ تارقىتىلدى

2013.01.14 16:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  13-دېكابىر چۈشتىن بۇرۇن، ئۇيغۇر يېزىقىدىكى «قۇرئان كەرىم»نى نەشىردىن چىقىرىپ تارقىتىش مۇراسىمى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى.كەڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمان قېرىنداشلارنىڭ نورمال دىنىي ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈپ قوللىشى ئاستىدا، 2008-يىلى 3-ئايدا، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى ۋە شىنجاڭ ئىسلام جەمئىيىتىدىكى مۇتەخەسسىلەر گۇرۇپپىسى بىرلىشىپ ئۇيغۇرچە يېزىقتىكى«قۇرئان كەرىم»نى تەرجىمە قىلىشنى باشلىغان ئىدى.

  ئىگىلىنىشىچە، مەركىزىي كومىتېت بىرلىكسەپ بۆلۈمى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات- نەشىرىيات ئىدارىسى خەلق نەشرىياتى باش مەھكىمىسىنىڭ پائال ماسلىشىشى ئاستىدا،ئۇيغۇر يېزىقىدىكى «قۇرئان كەرىم»نى تەرجىمە قىلىش، تەكشۈرۈپ بېكىتىش، تەكشۈرۈپ كۆرۈش ۋە تەھرىرلەپ نەشىردىن چىقىرىش خىزمەتلىرى ئوڭۇشلۇق تاماملانغان. نۆۋەتتە، ئېلىمىزدە خەنزۇ، ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز قاتارلىق كۆپ خىل يېزىق، كۆپ خىل نۇسخىدىكى قۇرئان كەرىم نۇسخىلىرى بار بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىسلام دىنى ئەقىدىسى ۋە ئىسلام مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىپ، دىننى سوتسىيالىزىم جەمئىيىتى بىلەن ماسلاشتۇرۇشقا پائال يېتەكلەش قاتارلىق تەرەپلەردە ئاكتىپ رول ئويناپ، جۇڭگو ئىسلام دىنى مەدەنىيىتى غەزىنىىىنى بېيىتتى. (مۇخبىر مىھرىگۈل)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە