باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئەڭ مەسئۇلىيەتچان يېزا دوختۇرلىرى نۇرغۇن ئادەمنى تەسىرلەندۈردى

2013.01.15 13:45         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئۇيۇشتۇرغان «ئەڭ مەسئۇلىيەتچان يېزا دوختۇرلىرى»نى ئىزدەش چوڭ ئاممىۋى پاراۋانلىق پائالىيىتىنىڭ مۇكاپاتلاش مۇراسىمى ئۈلۈشكۈن كەچتە كۆرسىتىلگەندىن كېيىن، جەمئىيەتنىڭ ھەر ساھەسىدە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن يېزا دوختۇرلىرىنىڭ ھاياتلىقنى قوغداشتەك مېھرىبانلىق روھى نۇرغۇن تاماشىبىن ۋە تورداشنى تەسىرلەندۈرۈپ، نامراتلارنى داۋالاش، ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇش، خالىسانە ئىش قىلىش، جەمئىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش روھىنى نامايان قىلدى.

  بۇ ئەڭ مەسئۇلىيەتچان يېزا دوختۇرلىرىنىڭ ئۆز يۇرتلىرىدا ياردەم بەرگەن كېسەللەر، يۇرتداشلار، خىزمەتداشلىرى مۇكاپاتلاش مۇراسىمىنى كۆرگەندىن كېيىن، يەنە بىر قېتىم چوڭقۇر تەسىرلەندى. ئۇلار تۈنۈگۈن سەھەردىلا بۇ يېزا دوختۇرلىرىنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇلار بىلەن بىرلىكتە مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىن كېيىنكى شادلىقتىن بەھرىمەن بولدى.

  مۇكاپاتلاش كېچىلىكى كۆرسىتىلگەندىن كېيىن، توردا ناھايىتى چوڭ تەسىر قوزغىدى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئەڭ مەسئۇلىيەتچان يېزا دوختۇرلىرى ھەققىدىكى مىكرو بىلوگى قىسقىغىنا ئىككى ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتا مىليوندىن ئارتۇق ئەگەشكۈچىنى توپلىدى، بەزى تورداشلار بۇنداق تەسىرلىك كۆرۈنۈشلەرنى كۆرمىگىلى ئۇزۇن بولغان ئىدى، كۆپچىلىكنىڭ بىر كۆرۈشىگە ئەرزىيدىكەن. ناھايىتى تەسىرلىك ئىكەن، ئۇلارنىڭ ئالتۇنغا بەرگۈسىز قەلبىگە رەھمەت ئېيتىمىز دېيىشتى. بەزى تورداشلار ئۇلارغا بولغان ئېھتىرامىمىزنى تىل بىلەن ئىپادىلەپ بېرەلمەيمىز، كېسەللەرنىڭ مىننەتدارلىقى قەلبىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن ئۇرغۇپ چىقتى. دوختۇرلارنىڭ سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن بولۇشى، خىزمەت شارائىتىنىڭ ياخشى-ناچار بولۇشى مۇھىم ئەمەس دېيىشتى. جايلاردىكى 1-سەپتىكى تېببىي خىزمەتچىلەر يېزا دوختۇرلىرىدىن تەسىرلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىر دوختۇرنىڭ قىممەت يۈزلىنىشى ئۈستىدە ئىزدەندى، تەسىرلىنىش بىر باشلىنىش نۇقتىسى، بۇ تەسىراتنى قانداق قىلىپ ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇشتا، ئەڭ مەسئۇلىيەتچان يېزا دوختۇرلىرى ئاممىۋى پاراۋانلىق پائالىيىتى پۈتۈن مەملىكەتتىكى تېببىي خىزمەتچىلەرگە يېڭى ئىلھام ئاتا قىلدى.

  پۈتۈن مەملىكەتتىكى بىر مىليون 300 مىڭدىن ئارتۇق يېزا دوختۇرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەڭ مەسئۇلىيەتچان يېزا دوختۇرلىرى چوڭ ئاممىۋى پاراۋانلىق پائالىيىتىنى باھالاش ئاخىرلاشقان بولسىمۇ، لېكىن كەسىپ مۇھىتى، ياشاش مۇھىتىنى ياخشىلاش ھەرىكىتى ئەمدى باشلاندى، ھۆكۈمەت تارماقلىرى، چوڭ دوختۇرخانىلار بەس-بەستە ياردەم قولىنى سۇنۇپ، ئاساسىي قاتلام داۋالاش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە