باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ يېزا دوختۇرلىرى بىلەن ساغلام جۇڭگو قۇرۇش توغرىسىدا پىكىرلەشتى

2013.01.07 15:23         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 5-يانۋار چۈشتىن كېيىن ئاساسىي قاتلامدىن كەلگەن 18 نەپەر يېزا دوختۇرلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىپ ، ئۇلارنىڭ پىكرىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىدى .

  سۆھبەتكە قاتناشقۇچىلار مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ‹‹ ئەڭ گۈزەل يېزا دوختۇرى ›› مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن بېيجىڭغا كەلگەن ۋەكىللەر ئىدى . ئۇلارنىڭ بەزىلىرى يىراق تاغلىق يېزا-كەنتلەردىن ، بەزىلىرى ئەيدىز، قان شورىغۇچى قۇرت كېسەللىكى ، ماخاۋ كېسىلى قاتارلىق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە قارشى تۇرۇش 1-سېپىدىن كەلگەن بولۇپ ، ئاممىنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن گەۋدىلىك تۆھپىلەرنى قوشقانلار ئىدى . لى كېچياڭ كۆپچىلىك بىلەن بىرمۇ بىر قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ ، قىزغىن ھال سورىدى ھەمدە ئۇلارنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىنى سورىدى . ئۇ مۇنداق دېدى : سىلەر شارائىتى ئىنتايىن ناچار رايونلاردا تۇرۇپ ، ئەڭ ئۇلۇغۋار كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىپ ، كىشى تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز بەدەللەرنى تۆلەپ ، ئېھتىياجلىق بولغان جايدا دەرھال پەيدا بولۇپ ، ‹‹يېزىدىكى 120›› دەپ ئاتالدىڭلار. سىلەر ھەممىدىن خەۋەردار كىشىلەر، سىلەر ئاۋام قەلبىدىكى كىشىلەر.

  سۆھبەتتە، ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار يېزىلاردىكى داۋالاش، سەھىيە ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى.لى كېچياڭ سۆھبەتتىن كېيىن، يېزا دوختۇرلىرى بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى، ئۇ يېزا دوختۇرلىرى بىلەن خوشلىشىدىغاندا: ‹‹بىر بىرلىكتە تىرىشىپ، ئورتاق ساغلام جۇڭگو قۇرۇپ چىقايلى!›› دېدى.

  نۆۋەتتە، جۇڭگو يېزىلىرىدا بىر مىليون 100 مىڭ يېزا دوختۇرى مىليونلىغان دېھقان-چارۋىچىلارغا بىۋاسىتە مۇلازىمەت قىلماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە