باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مۇبارەكنى قايتىدىن سوتلاش مىسىرنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىگە ۋاقتىنچە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ(1)

2013.01.15 13:49        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مىسىر ئالىي سوت مەھكىمىسى 13-يانۋار سابىق زۇڭتۇڭ مۇبارەك ۋە سابىق ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئادىلنىڭ جىنايىتىنى يېنىكلىتىش ھەققىدىكى نارازىلىق ئەرزىنى قوبۇل قىلىپ، مۇبارەك ۋە ئۇنىڭ ئىككى ئوغلى ھەمدە ئادىل ۋە ئۇنىڭ ئىككى ياردەمچىسىنى قايتىدىن سوتلايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  مىسىرىنىڭ قانۇنىغا ئاساسەن، مۇبارەك دېلوسىنى قايتا سوتلاشقا مەسئۇل سوت كوللېگىيىسى ئاز دېگەندىمۇ ئۈچ تۆت ئاي بارلىق ئارخىپ ۋە تاماملانغان ئالاقىدار تەرتىپلەرنى ئەسلەپ ئۆتۈدىغان بولغاچقا بۇ دېلونى قايتىدىن سوتلاش نەتىجىسى بىر نەچچە ئايدىن كېيىن چىقىدۇ.

  مىسىرنىڭ قانۇن ساھەسىدىكى زاتلار مۇنداق دەپ ھېسابلىدى : مۇبارەكنىڭ قايتا سوتلىنىش جەريانىدا جىنايىتىنىڭ يېنىكلىتىلىش ئېھتىماللىقى بىر قەدەر چوڭ. شۇڭا قايتا سوتلاش نەچچە ئايدىن كېيىن ئېچىلىدۇ، مۇبارەكنىڭ جىنايىتى يېنىكلىتىلگەن تەقدىردىمۇ مىسىرنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىگە بىر قەدەر زور تەسىر پەيدا قىلالمايدۇ.

  مىسىر ئالىي سوت مەھكىمىسى شۇ كۈنى ئىككى تۈرلۈك نارازىلىق ئەرزىنى تاپشۇرۇۋالدى، بىرى مۇبارەك قاتارلىق كىشىلەرنىڭ جىنايىتىنى يېنىكلىتىشنى تەلەپ قىلغان نارازىلىق ئەرزى يەنە بىرى مۇبارەك، ئادىل قاتارلىق ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ نامايىشچىلارنى قوراللىق باستۇرغانلىقى توغرىسىدىكى نارازىلىق ئەرزى.

  مىسىر ئادۋۇكاتلار جەمئىيىتىنىڭ قانۇن مۇتەخەسسىسى رەشىد كىندى شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىرىنچى نارازىلىق ئەرزىدە بەزى يېڭى ئىسپاتلار مۇبارەكنىڭ جىنايىتىنى يېنىكلىتىشكە ياردىمى بولۇشى ھەتتا بۇندىن بۇرۇنقى ئۆمۈرلۈك قامىلىش ھەققىدىكى كېسىم ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى مۇمكىن. مۇبارەك قاتارلىق كىشىلەرنىڭ نارازىلىق ئەرزىدە ھازىر ئىسپاتلار يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسى مەۋجۇت بولغانلىقتىن، مۇبارەكنىڭ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىش ئېھتىماللىقى ناھايىتى ئاز.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە