- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


شىنجاڭدا مېيىپلارنى ۋاكالىتەن بېقىش مەركىزى قۇرۇلدى
2013.01.14 09:34 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مېيىپلار بىرلەشمىسى ئاچقان خىزمەت يىغىنىدىن ئاشكارلىنىشىچە، بۇ يىلدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايون ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى بىر تۈركۈم مېيىپلارنى ۋاكالىتەن باشقۇرۇش مەركىزى قۇرۇپ، ئاساسلىق ئەقلىي ئىقتىدارى كەمتۈك، روھى مېيىپ، ئېغىر دەرىجىلىك مېيىپلارنى قۇبۇل قىلىپ، ئائىلە ۋە جەمئىيەتنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە نۆۋەتتە ئەقلىي ئىقتىدارى كەمتۈكلەرنى تەربىيەلەش سىنىپىدىن تۆتى بار ئىكەن. دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، بىر سىنىپتا سەككىزدىن ئون ئىككىگىچە بالا بار ئىكەن. بۇ كۆپ قىسىم ئەقلىي ئىقتىدارى كەمتۈك بالىلارنىڭ مەخسۇس تەربىيلەشتىن بەھرىمان بولالمايۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىلگىرى كېيىن بولۇپ ئائىلە، مەھەللە كۈندۈلۈك ۋاكالىتەن بېقىش ئورنى، ياتاقلىق تۈزۈم قاتارلىق ئۈچ خىل ۋاكالىتەن بېقىش ئاپپاراتى قۇردى، ياتاقلىق بېقىش ئاساسلىقى ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار، ئوقۇيالمايدىغان ياكى ئىشلىيەلمەيدىغان مېيىپلارغا قارىتىلغان. ئۆتكەن يىلى يەنە مەخسۇس ئەقلىي ئىقتىدارى كەمتۈك بالىلارنى تەربىيەلەش مەكتىپى قۇردى، ئەمما مېيىپلارنىڭ ۋاكالىتەن بېقىش ئورنىدا يۇمشاق دېتال ئەسۋابلىرى مۇكەممەل بولمىغانلىقتىن، 18 ياشتىن ئاشقان نۇرغۇن قورامىغا يەتكەن ئەقلىق ئىقتىدارى كەمتۇكلەر ۋاكالىتەن بېقىشتىن بەھرىمان بولالمىدى.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاپپار ھەبىبۇللا مۇنداق دېدى: بۇ يىل ئاپتونوم رايون مېيىپلار ئىشلىرى تەرەققىياتىنى ئۆز رايونىنىڭ ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي پىلانىغا، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمەت پىلانىغا كىرگۈزۈپ، مېيىپلار ئىشلىرى تەرەققىياتىغا ئالاقىدار سىياسەت تەدبىرلەرنى تەڭشەپ تۈزۈپ ئېلان قىلىدۇ ۋە ئىلگىرى سۈرىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە