باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئافغانىستاندىن مۇددەتتىن بۇرۇن چېكىنىشى ئافغانىستاننىڭ ئەندىشىسىنى پەيدا قىلامدۇ يوق؟(1)

2013.01.15 13:48         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما بىلەن ئافغانىستان پىرېزىدېنتى كارزايى 11-يانۋار ۋاشىنگتوندا ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئافغانىستاندىكى ئۇرۇش قىلىش ۋەزىپىسىدىن مۇددەتتىن بۇرۇن چېكىنىش مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلدى. ئىككى تەرەپ ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئافغانىستاننىڭ بىخەتەرلىك قىسىملىرىغا ئافغانىستاندىكى ئۇرۇش قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش مۇددىتىنى ئەسلىدىكى بۇ يىل ياز پەسلىدىن بۇ يىل ئەتىياز پەسلىگە ئۆزگەرتىشكە قوشۇلدى. بىراق، ۋاقىت جەھەتتە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغاندىن سىرت، ئىككى تەرەپ ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئەسكىرى سانى، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئەسكەرلىرىنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىش ھوقۇقى قاتارلىق مەسىلىلەردە يەنىلا ئىختىلاپ ساقلاندى. تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئافغانىستان بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئۆز ئارا ئايرىلالماسلىقتەك ھالىتىگە قارىتا، ھەمكارلىقى يەنىلا ئىككى تەرەپنىڭ يېقىنقى مەزگىللىك سىياسىتىنىڭ ئاساسلىق لىنىيەسى قىلىندى. ئوباما 11-يانۋار ئاق سارايدىكى ئىشخانىسىدا كارزايى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى، ئارقىدىن، ئىككەيلەن ئاق ساراينىڭ شەرقىي زالىدا ئۆتكۈزگەن بىرلەشمە مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىككى تەرەپ ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش قىلىش ۋەزىپىسىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈپ بېرىش مەسىلىسىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق. بۇ، بۇ قېتىملىق سۆھبەتنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى بولدى. ئوباما مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ئارمىيەسى ھوقۇقنى ئۆتكۈزۈپ بەرگەندىن كىيىن، ئافغانىستان قىسىملىرىنى مەشىق قىلدۇرىدۇ، تەكلىپ بېرىدۇ ۋە ياردەملىشىدۇ. كارزايى بۇ ئورۇنلاشتۇرۇشلاردىن مەمنۇن بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ يىل ئەتىياز پەسلىدىن باشلاپ، ئافغانىستان قىسىملىرى ئافغانىستان خەلقىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئۆز زىممىسىگە ئالىدۇ.

  كارزايى يەنە، ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاننىڭ باشقۇرۇشدىكى قاماپ قويۇلغان خادىملارنى ئافغانىستان ھۆكۈمىتىگە پۈتۈنلەي ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە قوشۇلغانلىقىنى، ھەمدە ئۆزى ئافغانىستانغا قايتقاندىن كىيىن بۇنى تېزدىن ئەمەلىيلەشتۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئامېرىكا بىلەن ئافغانىستان ئوتتۇرىسىدا ساقلىنىۋاتقان مۇھىم ئىختىلاپلارنىڭ بىرى بۇنىڭ بىلەن ھەل قىلىندى. ھازىر ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق چەتئەل ئارمىيەسىنىڭ ئەسكىرى 100 مىڭدىن ئاشىدۇ، بۇنىڭ 68 مىڭى ئامېرىكا ئەسكىرى. ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ 2014- يىلدىن كىيىن ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئەسكىرى سانى مەسىلىسىدە، ئىككى تەرەپ بىردەكلىك ھاسىل قىلمىدى. ئوباما بىلەن كارزايى مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە كونكرېت سان توغرىسىدا توختالمىدى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە