تۇمان سەۋەبلىك ئۈرۈمچىدە 134 نۆۋەتلىك ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش ۋاقتى كېچىكتۈرۈلدى ياكى ئۇچۇشى بىكار قىلىندى
2013.01.15 14:58 مەنبە: خەلق تورى
14-يانۋار سەھەر سائەت 5:15 تىن باشلاپ، قۇيۇق تومان ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرودرومىنى قاپلىۋالدى، كۆرۈش ئارىلىقى تۆۋەن بولۇپ ئۇچۇش ــ قونۇش ئۆلچىمىگە يەتمىگەنلىكتىن، 134 نۆۋەتلىك ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇشى بىكار قىلىندى ياكى ئۇچۇش ۋاقتى كېچىكتۈرۈلۈپ، 4 مىڭدەك يولۇچى ئايرودرومدا تۇرۇپ قالدى.سۈرەتتە سائەت 14:00لەر ئاتراپىدا، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرودرومى ئاۋىئاتسىيە بىناسى زالى ئايروپىلانغا چىقىشنى كۈتۈۋاتقان يولۇچىلار بىلەن تولدى، بۇ ۋاقىتتىكى نۆۋەتچى ئايروپىلانلار نورمال ئۇچالمىدى ۋە قونالمىدى. (شىنخۇا ئاگنېلتىقى مۇخبىرى جاڭ ۋەندې فوتوسى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە