باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ش ئۇ ئا ر 20 ئىقتىساسلىق خادىمنى رۇسىيەگە تەربىيەلىنىشكە ئەۋەتىدۇ

2013.01.15 16:05         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرىمىز لى ياڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پەن – تېخنىكا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پەن– تېخنىكا نازارىتى جۇڭگو شىنجاڭنىڭ رۇسىيە ۋە ئەتراپتىكى قوشنا دۆلەتلەر بىلەن بولغان پەن–تېخنىكا، ئىقتىساد–سودا ھەمكارلىقى ۋە ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىزدا رۇس تىلى تەرجىمانلىقى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار ئارىسىدىن 20 كىشىنى ئاشكارا تاللاپ، روسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ سىبىرىيە رايونىغا رۇس تىلى بويىچە كۈچەپ تەربىيەلەشكە ئەۋەتىشنى قارار قىلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، تەربىيەلىنىشكە ئەۋەتىلىدىغانلار 2013–يىل 1–سېنتەبىردىن 2014–يىل 30–ئاۋغۇستقىچە، رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ ئالتاي چېگرا رايونى ئالتاي دۆلەتلىك تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىر يىل تەربىيەلىنىدىكەن. كۇرسانتلارنىڭ چەت ئەلدىكى ئوقۇش خىراجىتى، بېرىپ–كېلىش يول خىراجىتى، ياتاق خىراجىتى ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە مەخسۇس تۈر خىراجىتىدىن ئاجرىتىلىدىكەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق پەن–تېخنىكا نازارىتى تاشقى پەن–تېخنىكا ھەمكارلىق باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ شياۋۋېن مۇنداق دېدى: رۇسىيەگە ئەۋەتىپ تەربىيەلەشتىكى مەقسەت، ئاپتونوم رايونىمىز ئۈچۈن يۇقىرى سەۋىيەلىك، يۇقىرى قاتلاملىق رۇس تىلى ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا پەن–تېخنىكا ۋە ئىقتىساد–سودا خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭ رۇس تىلى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش. بۇ خىزمەت 2005–يىلىدىن باشلاپ، ئۇدا سەككىز نۆۋەت يولغا قويۇلدى، 2012–يىلىغىچە، 100 دىن ئارتۇق كۇرسانت تەربىيەلەندى. بۇ كۇرسانتلار ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پەن–تەتقىقات ئورۇنلىرى، ۋىلايەت،ئوبلاستلارنىڭ تاشقى ئىشلار تارماقلىرى ۋە چەت ئەلگە مەبلەغ سالغان كارخانا قاتارلىق ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى كەسىپلەردىن تاللانغان.

  ‹‹ رۇسىيەگە 8–تۈركۈمدە شىنجاڭلىق پەن–تېخنىكا ۋە ئىقتىساد–سودا خادىملىرىنى تەربىيەلىنىشكە ئەۋەتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش››نىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ئەۋەتىلىدىغان خادىملار 35 ياشتىن تۆۋەن بولۇشى، تولۇق كۇرس ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولۇشى، ئىككى يىلدىن ئارتۇق خىزمەت تەجرىبىسىگە ئىگە بولۇشى كېرەك، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار، تارماقلاردىن تەلەپكە ئۇيغۇن كېلىدىغانلار تىزىملاتسا بولىدۇ. تىزىملاتقان شەخسلەر خىزمەت ئورنى كۆرسەتكەندىن كېيىن، پەن–تېخنىكا نازارىتى 3–ئايدا ئالىدىغان رۇس تىلى سەۋىيە سىناش ئىمتىھانىغا قاتنىشىدۇ، ئومۇمىي باھالاشتىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئاندىن ئەۋەتىلىدىغانلارنىڭ تىزىملىكى بېكىتىلىدۇ. ئىلتىماس قىلىشنىڭ كونكرېت شەرتلىرى ۋە ئىلتىماس قىلىش جەريانىنى ئاپتونوم رايونلۇق پەن–تېخنىكا نازارىتى تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنغان ئۇقتۇرۇشتىن بىلىۋالسا بولىدۇ.

  

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە