- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


كورىيە زۇڭتۇڭى پارك گېئونخې 25-فېۋرال رەسمىي ۋەزىپىگە ئولتۇرىدىكەن
2013.01.15 15:59 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
 |
پارك گېئونخې (ئوڭدا) ماتېرىيال سۈرەت
|
خەلقئارا لىنىيەسى خەۋىرى: كورىيە MBN تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 15-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ، كورىيەنىڭ بۇ نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى پارك گېئونخې 25-فېۋرال رەسمىي ۋەزىپىگە ئولتۇرىدىكەن .جامائەتچىلىك بۇ مۇراسىمغا سىرلىق مۇزىكا ‹‹ گاڭنام ئۇسلۇبى ›› نى ئويناپ پۈتۈن دۇنيا مىقىياسىدا ئالقىشلىنىۋاتقان پۇ زەيشياڭ ، شۇنداقلا بىر قىسىم سىرلىق مېھمانلار قاتنىشىشى ھەمدە ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىدا چەۋەندازلىق ئۇسۇلى ئوينىلىشى مۇمكىن ، دەپ پەرەز قىلىشماقتا .
ئىگىلىنىشىچە ، كورىيەنىڭ 18-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭىنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىغا تەخمىنەن 3 مىليارد 100 مىليون ۋون (تەخمىنەن 18 مىليون يۈەن خەلق پۇلىغا باراۋەر ) كېتىدىغان بولۇپ ، ھازىر تەكلىپ قىلىنىدىغان ئەزىز مېھمانلارنىڭ سانى قايتىدىن خاتىرىلەنگەن .
1998-يىلى كورىيەنىڭ 15-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭىنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىغا ئامېرىكىلىق داڭلىق ناخشىچى مايكىل جېكسون تەكلىپ قىلىنغان ، 2003-يىلىدىكى 16-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىغا كورىيەگە ياردەملىشىپ ‹‹دۇنيا لوڭقىسى ›› مۇسابىقىسىدا رېكورت ياراتقان ھىددنك تەكلىپ قىلىنغان ، 2008-يىلىدىكى زۇڭتۇڭ لى ميۇڭباكنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىدا ، ‹‹خەير-ساخاۋەتچى ناخشىچى ›› دەپ نام ئالغان كورىيەلىك ناخشىچى جىن چاڭشۈن تەكلىپ قىلىنغان .
بۇنىڭدىن باشقا، كورىيەنىڭ 18-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭىنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشىغا تەييارلىق كۆرۈش كومىتېتىنىڭ قارىمىقىدىكى ‹‹ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىغا بىر تۇتاش تەييارلىق كۆرۈش كومىتېتى ›› شۇ يەر ۋاقتى 14-يانۋار رەسمىي قۇرۇلىدىكەن .
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە