- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


يېڭى بەلگىلىمە: كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىللارنىڭ براك مۇساپە چېكى 600 مىڭ كىلومېتىر
2013.01.15 16:02 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
تۈنۈگۈن (14-يانۋار)، سودا مىنىستىرلىقى ، ئىسلاھات-تەرەققىيات كومىتېتى ، ج خ مىنىستىرلىقى ۋە مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى بىرلىكتە ‹‹ موتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى مەجبۇرىي براك قىلىش ئۆلچىمى بەلگىلىمىسى ›› نى ئېلان قىلدى . بەلگىلىمە بۇ يىل 1-مايدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدۇ . بەلگىلىمىدە دېيىلىشىچە ، دۆلىتىمىز موتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى ئىشلىتىش ۋە بىخەتەرلىك تېخنىكىسى ، گاز قويۇپ بېرىشنى تەكشۈرۈش ئەھۋالى قاتارلىقلارغا ئاساسەن ، براك ئۆلچىمىگە توشقان ئاپتوموبىللارنى مەجبۇرىي براك قىلىدىكەن . كىچىك ، پەۋقۇلئاددە كىچىك شەخسىي ئاپتوموبىللارنىڭ ئىشلىتىلىش مۇددىتىگە چەك قويۇلمايدىكەن .
‹‹ بەلگىلىمە ›› دە تۈرلۈك موتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ ‹‹ پېنسىيەگە چىقىش ›› مۇددىتى ئېنىق بەلگىلەنگەن ، بۇنىڭ ئىچىدە ، كىچىك ، پەۋقۇلئاددە كىچىك كىرا-تىرانسىپورت ئاپتوموبىللىرىنىڭ ئىشلىتىلىش مۇددىتى سەككىز يىل ، ئوتتۇرا تىپلىق كىرا-تىرانسىپورت ئاپتوموبىللىرىنىڭ ئىشلىتىلىش مۇددىتى 10 يىل ، چوڭ تىپتىكى كىرا-تىرانسىپورت ئاپتوموبىللىرىنىڭ ئىشلىتىلىش مۇددىتى 12 يىل ؛ ئاممىۋى ئاپتوبۇسلارنىڭ ئىشلىتىلىش مۇددىتى 13 يىل قىلىپ بېكىتىلگەن. كىرا-تىرانسىپورت بىلەن شۇغۇللانمايدىغان كىچىك ، پەۋقۇلئاددە كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىللار ، كىرا-تىرانسىپورت بىلەن شۇغۇللانمايدىغان چوڭ تىپتىكى پىكاپلار ، چاقلىق مەخسۇس مېخانىكىلىق ماشىنىلار قاتارلىقلارنىڭ ئىشلىتىلىش مۇددىتىگە چەك قويۇلمىغان . بىراق ، ‹‹بەلگىلىمە ››گە ئاساسەن ، دۆلىتىمىز بەلگىلىك مۇساپىنى بېسىپ بولغان موتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى مەجبۇرىي براك قىلىدىغان بولۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدە ، كىرا تارتمايدىغان كىچىك ، پەۋقۇلئاددە كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىللارنىڭ براك مۇساپە چېكى 600 مىڭ كىلومېتىر قىلىپ بەلگىلەنگەن .
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە