باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاھالىلەر ئولتۇراق بىناسىدا ئاشخانا ئېچىشقا بولمايدۇ

2013.01.17 16:40         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك 15–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 7–يىغىنىدا ‹‹ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش نىزامى (تۈزىتىلمە لايىھە)›› ماقۇللاندى، ‹‹نىزام››غا ئاساسەن، ئۈرۈمچى شەھىرى بۇنىڭدىن كېيىن ‹‹ئىس–تۈتەك، چاڭ–توزان ۋە كېرەكسىز گاز›› قويۇپ بېرىش قىلمىشىنى قانۇن بويىچە تەرتىپكە سالىدۇ.

  ‹‹نىزام››دا ئاھالىلەر ئولتۇراق بىناسىدا ئاشخانا ئېچىشقا بولمايدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان، بۇس ۋە سۈۋەرەك دەستىدىن ئىشىك–دېرىزىلەرنى ئېچىشقا پېتىنالمىغان ئاھالىلەر ئەمدى ئىشىك–دېرىزىلىرىنى چوڭ ئېچىپ، ساپ ھاۋادىن نەپەسلىنەلەيدىغان، كېچىلىرى سۈۋەرەكتىن ئەندىشە قىلماي خاتىرجەم ئۇخلىيالايدىغان بولىدۇ. ‹‹نىزام››دا ئاھالىلەر ئولتۇراق بىناسى، مەخسۇس تۇرخۇن ئورنىتىلمىغان ئۇنىۋېرسال سودا بىناسى ھەم تۆۋەن قەۋەتلىرىگە دۇكان لايىھەلەنگەن ئولتۇراق بىنالاردا بۇس ياكى غەيرىي پۇراق چىقىرىدىغان يېمەك–ئىچمەك مۇلازىمىتى كەسىپلىرىنى يېڭىدىن ئېچىش چەكلەندى. يەنە يۇقىرىقى ئورۇنلاردا قۇرۇلغان يېمەك–ئىچمەك مۇلازىمىتى تۈرلىرىنىڭ تىجارەت مۆھلىتى توشقاندىن كېيىن، مۇھىت ئاسراش، سودا–سانائەت قاتارلىق تارماقلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك تىزىملاش رەسمىيىتىنى بېجىرمەسلىكى تەكىتلەندى.

  مۇھىت ئاسراش تارماقلىرىنىڭ يېمەك–ئىچمەك كەسپىدىكى بۇس بۇلغىمىسىنى تۈزەش قۇرۇلۇشى ئىزچىل توختاپ قالمىدى، بىراق تۈزەشتە قىيىنچىلىق يەنىلا ئېغىر.

  بەلگىلىمىگە ئاساسەن، بۇسنى چوقۇم يۇقىرى ھاۋا بوشلۇقىغا قويۇپ بېرىش كېرەك، ئەمما بىر قىسىم ئاشخانىلار ئۆي ياكى كوچىغا قارايدىغان دۇكانلاردىن بىۋاسىتە ئۆزگەرتىلگەن بولۇپ، بۇس قويۇپ بېرىش ئەسلىھەلىرى يوق. بەلگىلىمە بويىچە ئىجرا قىلىنسا، نۇرغۇن كىچىك ئاشخانا قايتىدىن بۇس چىقىرىش تۇرخۇنى ئورنىتىشى كېرەك، بۇنداق بولغاندا بىنالارنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى ۋە ئومۇمىي پىلان ئورۇنلاشتۇرمىسى تەسىرگە ئۇچرىغاندىن باشقا، بىنادا ئولتۇرۇشلۇق ئاھالىلەرنىڭمۇ ماسلىشىشى ناتايىن. بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، بۇسنى تازىلاپ بىر تەرەپ قىلىش ئۈسكۈنىسى ئورنىتىش قولايلىقراق، بىراق بۇ ئۈسكۈنىنىڭ باھاسىنىڭ قىممەت بولۇشى ئاشخانا خوجايىنلىرىغا ئېغىر كېلىۋاتىدۇ. ھازىر چوڭ تىپتىكى يېمەك – ئىچمەك سورۇنلىرى، مېھمانسارايلارلا بۇ ئۆلچەمگە يەتتى.

  بۇنىڭدىن باشقا، بۇس بۇلغىنىشىنى تۈزەش خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلە، بىر ئورۇننىڭ يالغۇز جەڭ قىلىش ئىقتىدارى چەكلىك، مۇھىت ئاسراش، سودا – سانائەت، شەھەر پىلانلاش قاتارلىق تارماقلار بىرلەشمە مېخانىزم بەرپا قىلىپ، مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا ئاشكارىلاپ، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش سالمىقىنى كۈچەيتىشى زۆرۈر. نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مۇۋاپىق بولمىغاندا، بىر قىسىم كىشىلەر يوچۇقتىن پايدىلىنىپ پۇرسەتپەرەسلىك قىلىشى مۇمكىن. شۇنىڭ بىلەن بىللە پىلانلاش ۋە قۇرۇلۇش تارماقلىرى ئولتۇراق رايون قۇرۇلۇشىدا يېمەك–ئىچمەك كەسپى لايىھەسىنىمۇ ئېنىق بېكىتىشى كېرەك.

  بەلگىلىمە بويىچە، ئاھالىلەر بىناسىدا ئاشخانا ئېچىشقا بولمايدۇ. ئەگەر ئاشخانىنىڭ خوجايىنى خوجىلىق شىركىتى، بىنادىكى ئاھالىلەر بىلەن كېلىشەلىسە، تىجارىتىنى داۋاملاشتۇرسا بولىدۇ.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىسىنىڭ بىر خىزمەتچىسى مۇنداق دېدى: 1995–يىلى دۆلەت ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىدا 3–كەسىپ مۇلازىمىتىنى يولغا قويۇشتا جەزمەن مۇھىت تەسىرىنى باھالاش كېرەك، دەپ بېكىتكەن ھەم ئاھالىلەر بىناسىدا ئاشخانا ئاچقانلار يۇندى، شاۋقۇن ۋە بۇس قاتارلىقلارنى بىر تەرەپ قىلىشتا مۇھىت باھالاش تارماقلىرىنىڭ ئىجازىتىنى ئالغاندىن كېيىن تىجارەت كىنىشكىسى، تازىلىق كىنىشكىسى ئېلىشقا تىزىملىتىشى كېرەك، دەپ تەلەپ قىلغان. ھازىرقى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىدە سودا–سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى كىنىشكا تارقىتىشقا مەسئۇل، نۇرغۇن كىچىك ئاشخانا مۇھىت تەسىرىنى باھالاشتىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپلا تىجارەت باشلاپ، ئاندىن مۇھىت ئاسراش تارماقلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشىغا يوللاۋاتىدۇ.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى 2000–يىلى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش قانۇنى›› ۋە دۆلەت مۇھىت ئاسراش ئىدارىسى، دۆلەت سودا–سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ‹‹يېمەك–ئىچمەك، كۆڭۈل ئېچىش مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كارخانىلارنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش››قا ئاساسەن، ‹‹ئاھالىلەر بىناسىنىڭ ئاستىدا ئاشخانا ئېچىشنى قاتتىق تىزگىنلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش››نى تارقىتىپ، 2001–يىلى 1–يانۋاردىن باشلاپ ئاھالىلەر بىناسىنىڭ ئاستىدا ئاشخانا ئېچىشنى چەكلەشنى تەلەپ قىلغانىدى. لېكىن بۇ ئۇقتۇرۇشتا ئاھالىلەر بىناسىنىڭ ئاستىدىلا ئاشخانا ئېچىشقا بولمايدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، ئۈستىدە ئاھالىلەر ئولتۇرىدىغان سودا بىناسى تىلغا ئېلىنمىغان. نەتىجىدە ئۆي – زېمىن سودىگەرلىرى قۇرۇلۇشنى لايىھەلىگەندىلا 1– قەۋەتنى دۇكان قىلىشنى پىلانلىغان، خېرىدارلارمۇ ئاشخانا ئېچىش مەقسىتىدە دۇكانلارنى سېتىۋالغان، دېمەك بۇ ئۇقتۇرۇش رولىنى يوقاتقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە