باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جەنۇبىي شىنجاڭدا نەشر بۇيۇملىرى ماددىي ئەشيا بازىسى قۇرۇپ چىقىلىدۇ

2013.01.17 16:38         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

شىنخۇا كىتابخانىسىنىڭ «قىزىل لېنتا كىتابخانىسى»غا كىتاب تەقدىم قىلىش مۇراسىىمىدىن كۆرۈنۈش.
  تەڭرىتاغ تورى، ئۈرۈمچى، 15-يانۋار خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ 15-يانۋار شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات-نەشرىيات خىزمىتى يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 2013-يىلى ئاپتونوم رايون 178 مىليون 110 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىغان جەنۇبىي شىنجاڭ مىللىيچە يېزىقتىكى نەشر بۇيۇملىرىنى تارقىتىش، ساقلاش، ماددىي ئەشيا بازىسى قۇرۇلۇشى، شۇنداقلا ناھىيە دەرىجىلىك شىنخۇا كىتابخانىلىرى ۋە چېگرا ئېغىزى تارقىتىش تور نۇقتىسى بازىسىدا قۇرۇلۇش باشلىنىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز زور مىقدارىدا مەبلەغ سېلىنىدىغان «مەدەنىيەتتە خەلققە نەپ يەتكۈزۈش» قۇرۇلۇشى چىڭ تۇتۇلىدىكەن، 99 مىليون 720 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، ئاساسىي قاتلامغا ھەرخىل نەشر بۇيۇملىرىنى ھەقسىز تارقىتىش تۈرى يولغا قويۇلىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئىككى مىليون 500 مىڭ دانە كالېندارنى ھەقسىز تارقىتىش، 30 مىڭ نەپەر دىنىي ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان خىزمەتچىلەرگە 60 مىڭ پارچە ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، قازاقچە ئوقۇشلۇقنى ھەقسىز تارقىتىش خىزمىتى ياخشى ئىشلىنىدىكەن، ئالتە مىليون مەبلەغ سېلىنىپ جەنۇبىي شىنجاڭدا 2000 يۈرۈش گېزىت ئوقۇش تاختىيى ياسىلىدىكەن، 10 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، ‹‹شەھۋانىيلىققا ۋە قانۇنسىزلىققا زەربە بېرىش . تەڭرىتاغ قۇرۇلۇشى›› نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىلىدىكەن، سەككىز مىليون يۈەن مىللىيچە يېزىقتىكى ئىنتېرنېت تورى نەشر بۇيۇملىرى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش سىستېمىسىنىڭ 1-قارارلىق سىناش ۋە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش خىزمىتى تاماملىنىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە