- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قۇرال سېتىپ بېرىشىگە قارشى تۇرىدۇ
2013.01.17 15:23 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى ياڭ يى تۈنۈگۈن قەرەللىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: بىز ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قۇرال سېتىپ بېرىش سىياسىتىگە قەتئىي قارشى تۇرىمىز، ئامېرىكىنىڭ جۇڭگو ئامېرىكا ئۈچ بىرلەشمە ئاخباراتى روھى بويىچە، بىر جۇڭگو سىياسىتىگە ئەمەل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ياڭ يى بىر مۇخبىرىنىڭ ما يىڭجۇ يېقىندا ئامېرىكىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى بىلەن كۆرۈشكەندە داۋاملىق ئامېرىكىدىن قورال سېتىۋالىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى ھەمدە بۇ ئىككى قىرغاقنىڭ يارىشىشى، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتى بىلەن ئالاقىسى يوق، دېدى. سىز بۇنىڭغا بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىسىز، دېگەن سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە يۇقىرىقىلارنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: ئىككى قىرغاقنىڭ ئىشىنى ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا ئىككى قىرغاقتىكى جۇڭگولۇقلار ھەل قىلىدۇ. بىز ئىككى تەرەپنىڭ مۇشۇ نەتىجە ئاساسىدا، ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى داۋاملىق ئېچىپ، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارغا، جۇڭخۇا مىللەتلىرىگە بەخت يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە