14-يانۋار، مەشئەلچى كىيمى كىيىگەن ئىككى نەپەر رۇسىيەلىك تەنھەرىكەتچىلەر ۋەكىلى مەشئەلنى نامايەن قىلدى.
خەلق تورىنىڭ 16-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. 14-يانۋار، 2014-يىللىق سوچى قىشلىق ئولېمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ مەشئىلى ۋە مەشئەلچى كىيىمى كۆرگەزمىسى موسكىۋادا ئۆتكۈزۈلدى.
قىشلىق ئولېمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى مەشئىلى لايىھەسى ئىلھامى رۇسىيەدىكى ئوتتا كۆيمەيدىغان قۇش(سۇمرۇغ) رىۋايىتىدىن كەلگەن، شۇڭا مەشئەلنىڭ ئومۇمىي قىياپىتى پەيگە ئوخشايدۇ، ئوتتۇرىسىغا تەشمە نەقىش ئويۇلغان، ئۇدۇل ۋە يان تەرىپى كۈمۈش رەڭدە ئىكەن. سوچى قىشلىق ئولېمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ مەشئىلىنى يەتكۈزۈش 2013-يىلى 7-ئۆكتەبىر باشلىنىدۇ، يەتكۈزۈش لىنىيە ئۇزۇنلۇقى 65 مىڭ كىلومېتىردىن ئاشىدىغان بولۇپ، بۇ قىشلىق ئولېمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى تارىخىدىكى ئەڭ ئۇزۇن ئارىلىق ھېساپلىنىدۇ. 22 –نۆۋەتلىك قىشلىق ئولېمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى 2014-يىلى 7-فېۋرالدىن 23-فېۋرالغىچە رۇسىيە قارا دېڭىز بويىدىكى شەھەر سوچىدا ئۆتكۈزىلىدۇ، قىشلىق مېيىپلار تەنھەرىكەت يىغىنىمۇ ئارقىدىنلا ئۆتكۈزىلىدۇ.