ئىسپانىيە ئۇسسۇل ئۆمىكى 2-ئايدا ئۈرۈمچىدە ئويۇن قويىدۇ
2013.01.14 16:39 مەنبە: خەلق تورى
1-فېۋرال، ئىسپانىيە ئۇسسۇل ئۆمىكى ئۈرۈمچىگە يېتىپ كېلىپ، ئۈرۈمچىدىكى تاماشبىنىلار ئۈچۈن «ئىسپانىيە ئۇسسۇلى ئۆمىكىنىڭ جۇڭگودىكى سەييارە ئويۇنى ئۈرۈمچى بېكىتى»دە ئويۇن كۆرسىتىدۇ.
مەردانە ئۇسسۇل قەدىمى، قايناپ تاشقان قىزغىنلىق ئەكىس ئەتكەن ئۇسسۇل ھەرىكەتلىرىدىنلا ئۆزگە يۇرتنىڭ جىلۋىسى ئەكس ئېتىپ تۇرىدۇ؛ كەينىگە بورۇلۇش، قول پۇلاڭلىتىشلىرىلا ئۇسسۇلچىنىڭ سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلىپ بېرىدۇ. ئوتقاشتەك قىزىل كۆڭلەكلەر پۈتكۈل سەھنىنى چاقنىتىپ تۇرىدۇ، شاتلىق مىلودىيەسىگە ماسلاشقان لەرزان ئۇسسۇل سىزگە چەكسىز شادلىق ئاتا قىلىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە