چاۋشيەن ئاياللىرى نېمىشقا دائىم يوپكا كىيىپلا يۈرۈيدۇ؟ بەلكىم بۇ سوئالنى كۆرۈپ ھەيران قالغان بولىشىڭىز مۇمكىن. لېكىن ئىشىنىمەنكى، بۇنىڭ جاۋابى سىزنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرىدۇ. چۈنكى كىم ئىرسىن :« ئىشتان دېگەننى ئەرلەر كىيىدۇ»دەپ ئېيتقان . شۇڭا چاۋشيەندە مەيلى قايسى پەسىلدە بولسۇن، چاۋشيەن ئاياللىرى رەھبەرنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، بىردەك يوپكا كىيىپ يۈرىدىكەن . ئەلۋەتتە، قەھرىتان كىرگەندە، ئەقىللىك چاۋشيەن ئاياللىرى يوپكا ئىچىگە قىلىن ئۇزۇن پايپاق تارتىۋالىدىكەن.