- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى: جۇڭگو ئىراننىڭ ئالاقىدار پوزىتسىيىسىنى قارشى ئالىدۇ
2013.01.17 15:25 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇڭ لېي تۈنۈگۈن قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ئىراننىڭ يادرو قوراللىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى مەنئىي قىلىشقا ئالاقىدار پوزىتسىيىسىنى قارشى ئالىدۇ ۋە ئەھمىيەت بېرىدۇ.
مۇخبىرنىڭ خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئىراننىڭ ئالىي رەھبىرى خامىنىي دىنىي پەرمان ئىمزالاپ، ئىراننىڭ يادرو قوراللىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى مەنئىي قىلغان. ئىران دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئىران بۇ پەرمانغا ئەمەل قىلىدۇ، غەرب دۆلەتلىرى ئىران يادرو قوراللىرىنى تەتقىق قىلىپ ياسىماقتا دېگەن گۇماننى توختاتسا بولىدۇ،دېگەن. جۇڭگو بۇنىڭغا قانداق قارايدۇ؟ دەپ سورىغاندا خۇڭ لېي مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئىراننىڭ ئالاقىدار پوزىتسىيىسىنى قارشى ئالىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئىران «يادرو قوراللىرىنى كېڭەيتمەسلىك شەرتنامىسىنى» تۈزگۈچى دۆلەت. جۇڭگو ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ سۆزلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىنى ئومۇميۈزلۈك، ئۇزاق مۇددەت مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش چارىسى ئۈستىدە ئىزدىنىش ھەمدە بالدۇرراق ئىلگىرلەشكە ئېردىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى: جۇڭگو ئىراننىڭ ئالاقىدار پوزىتسىيىسىنى قارشى ئالىدۇ
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە