باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ش ئۇ ئا ر دىن بەش كىشى مەملىكەت بويىچە ئون چوڭ ئۆمۈر چولپىنى قاتارىدىن ئورۇن ئالدى

2013.01.16 15:51         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 15-يانۋار بېيجىڭ خەۋىرى:جۇڭگو ياشانغانلار ئىلمىي جەمئىيىتى يېقىندا مەملىكەت بويىچە ئون چوڭ ئۆمۈر چولپىنىنى ئېلان قىلدى، ئاپتونوم رايونىمىزدىن بەش مويسىپىت بۇ قاتاردىن ئورۇن ئالدى.

  قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىدىن ئالمىخان سىيىت (126 ياش) بۇ شەرەپ تاختىسىدىن 3–قېتىم ئورۇن ئېلىپ، ئىككىنچى ئورۇندا تۇردى. يەكەن ناھىيەسىدىن تۇراپ ئەمەت (120 ياش)، پوسكام ناھىيەسىدىن بەردىئاخۇن روزى(120 ياش) تۆتىنچى، بەشىنچى ئورۇندا تۇردى، لوپ ناھىيەسىدىن دۆلەت مەمتىمىن (119 ياش)، مەكىت ناھىيەسىدىن ياقۇپ قاسىم (119 ياش) يەتتىنچى، سەككىزىنچى ئورۇندا تۇردى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ جۇڭگو ياشانغانلار ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ «جۇڭگودىكى ئون چوڭ ئۆمۈر چولپىنى شەرەپ تاختىسى» پائالىيىتىنى 5–قېتىم ئۆتكۈزۈشى ئىكەن. بۇ پائالىيەتنى تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزگەندە شىنجاڭلىق مويسىپىتلار چېمپىيونلۇقنى ئىگىلىگەن. بۇ يىلقى مەملىكەت بويىچە ئون چوڭ ئۆمۈر چولپىنىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى گۇاڭشىنىڭ باما ناھىيەسىلىك لو مېيجىن ئالغان، ئۇ بۇ يىل 128 ياشتا ئىكەن.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ياشانغانلار ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى 100 ياشتىن ئاشقانلار ئاساسلىقى قەشقەر، ئاقسۇ، خوتەن قاتارلىق جايلارغا تارقالغان. تەكشۈرۈشكە قارىغاندا، 100 ياشتىن ئاشقان %70 ئۆمۈر چولپىنىنىڭ تۇغقانلىرىنىڭ ئىچىدە، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەنلەر يوق ئىكەن. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ياشانغانلار ئىشلىرى ئىشخانىسىدىكى شياۋ باۋجېن مۇنداق دېدى: بۇ، ئۇزۇن ئۆمۈر چولپانلىرىنىڭ ئېرسىيەت بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقىنى، بەلكى ياخشى تۇرمۇش ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. 100 ياشتىن ئاشقان كىشىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ ساندىكىلىرى يېزا–قىشلاقلاردا ياشايدۇ، ئۇلار ئۇزۇن يىل جىسمانىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللانغان، ئۇلار تۇرۇۋاتقان جاينىڭ تۇرمۇش مۇھىتى ياخشى، بۇ ئامىللار ئۇلارنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىدىكى مۇھىم سەۋەب ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، شىنجاڭدىكى 100 ياشتىن ئاشقان ئۆمۈر چولپانلىرىنىڭ ھەممىسى ياخشى تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرگەن، يېمەك–ئىچمىكى ئاددىي بولۇپ، قارا ئاشلىقنى كۆپرەك ئىستېمال قىلغان، ئۇلاردا ئاساسەن سېمىزلىك، يۇقىرى قان بېسىم، يۈرەك كېسىلى، دىيابېت قاتارلىقلار يوق. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان %90 تىن كۆپ 100 ياشتىن ئاشقانلار ئاساسلىقى بالىلىرىنىڭ ئۆيىدە تۇرىدىكەن، بالىلىرىنىڭ ئۇلارنىڭ ھالىدىن ئوبدان خەۋەر ئېلىشى، قوشنىلىرىنىڭ قېرىلارنى ھۆرمەتلەپ، كىچىكلەرنى ئىززەتلەيدىغان ياخشى ئۆرپ – ئادىتى بۇ مويسىپىتلەرنىڭ روھىنىڭ كۆتۈرەڭگۈ، كۆڭلى–كۆكسىنىڭ كەڭ بولۇشى، تۇرمۇشقا ئۈمىدۋارلىق بىلەن قارىشىغا سەۋەب بولغان، بۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە