باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرىدۇ

2013.01.16 15:48         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 15-يانۋار بېيجىڭ خەۋىرى:دۆلەت نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى 14-يانۋار كەچتە سىرتقا ئۇچۇر ئېلان قىلىپ ئېلىمىزنىڭ پىلانلىق تۇغۇت تۈپ دۆلەت سىياسىتىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، تۆۋەن تۇغۇت سەۋىيەسىنى ساقلاپ، سىياسەتنى تەدرىجىي مۇكەممەللەشتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 14-يانۋار ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتى يىغىنىدا، دۆلەتلىك نوپۇس، پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ شيا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پىلانلىق تۇغۇت تۈپ دۆلەت سىياسىتىدە ئۇزاق مۇددەت چىڭ تۇرۇپ، تۆۋەن تۇغۇت سىياسىتىنى مۇقىملاشتۇرۇشنى خىزمەتنىڭ ئالدىنقى ۋەزىپىسى قىلىپ، سىياسەتنى تەدرىجىي مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم، پىلانلىق تۇغۇت تۈپ دۆلەت سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، ئۆز يېرىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تۈرلەر بويىچە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۆز يېرىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان خىزمەت قېلىپىنى يولغا قويۇش لازىم.

  ۋاڭ شيا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۇرغۇن يېزا ياشلىرى كۆپلەپ شەھەرلەرگە كىرىپ ئىشلەۋاتقان ئەھۋالدا، شەھەر ئاساسىي قاتلاملىرىنىڭ ئاساسىي خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، خىزمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك خىزمەت مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش لازىم.

  ۋاڭ شيا مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: پىلانلىق تۇغۇت ئائىلىلىرى ۋە ئاممىنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقى ھەمدە مەسىلىلىرىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، پىلانلىق تۇغۇت ئائىلىلىرىنىڭ رىيال مەسىلىلىرىنى كۈچەپ ياخشى ھەل قىلىش لازىم.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە