باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ش ئۇ ئا ر دا ئون مۇتەخەسسىس مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر پەن–تېخنىكا خىزمەتچىسى دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشتى

2013.01.16 15:54         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 15-يانۋار بېيجىڭ خەۋىرى:يېقىندا ۋېن خاۋ قاتارلىق شىنجاڭدىكى ئون مۇتەخەسسىس تونۇشتۇرۇش، ئىدارىسىدىن سايلاش، ئامما بېلەت تاشلاش، مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر پەن–تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنى باھالاش كومىتېتىنىڭ باھالىشى، جۇڭگو پەن–تېخنىكا جەمئىيىتى مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن 5–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر پەن–تېخنىكا خىزمەتچىلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پەن–تېخنىكا جەمئىيىتى تونۇشتۇرغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پەن–تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى 1–تارماق دوختۇرخانىسىنىڭ باشلىقى ۋېن خاۋ «مەملىكەت بويىچە ئون ياخشى مۇنەۋۋەر پەن–تېخنىكا خىزمەتچىسى» دېگەن نامزات مۇكاپاتىغا ھەم «مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر پەن– تېخنىكا خىزمەتچىسى» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشتى؛ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پەن–تېخنىكا كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى، شىنجاڭ رەسەتخانىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ نا، جۇڭگو نېفىتى شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى كۇاڭ لىچۈن، شىنجاڭ شەھەر–بازار پىلان–لايىھە تەتقىقات يۇرتى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى ليۇ شۈ، خوتەن ۋىلايەتلىك يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش مەركىزى باغۋەنچىلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى دۇ لىنخۇي، شىنجاڭ دېھقانچىلىق پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئاشلىق زىرائەتلىرى تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى ۋۇ شىنيۈەن، شىنجاڭ جۇڭخې پاي ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ تەتقىقاتچىسى نۇرگۈل ئىمىن، شىنجاڭ ئىپار بىيو تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى ئابلىكىم مەمتىمىن، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ ئېكولوگىيە ۋە جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لېي جياچياڭ، قاراماي نېفىت خىمىيە شىركىتى ماي ئايرىش خىمىيە سانائىتى تەتقىقات يۇرتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شيۇڭ چۈنجۇ قاتارلىقلار «مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر پەن–تېخنىكا خىزمەتچىسى» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشتى.

  ئىگىلىنىشىچە، مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر پەن–تېخنىكا خىزمەتچىسى مۇكاپاتى جۇڭگو پەن–تېخنىكا جەمئىيىتى 1997–يىلى پەن–تېخنىكا خىزمەتچىلىرى ئۈچۈن تەسىس قىلغان مۇكاپات تۈرى ئىكەن. 2010–يىلىدىن باشلاپ مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر پەن–تېخنىكا خىزمەتچىلىرى ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم باھالىنىدىكەن، بۇ نامغا بىر ئادەم پەقەت بىر قېتىملا ئېرىشىپ، ئۆمۈرلۈك شەرەپ قىلىنىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە