باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

چەتئەل مۇتەخەسسىسلىرى مىڭ كىشىلىك پىلانىدا 94 مۇتەخەسسىس كىرگۈزۈلدى

2013.01.16 15:49         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 15-يانۋار بېيجىڭ خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ 15-يانۋار مەملىكەتلىك چەتئەللەردىن ئەقلىي كۈچ كىرگۈزۈش خىزمىتى يىغىنىدىن ئىگەللىشىچە، ئېلىمىزنىڭ چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەر مىڭ كىشىلىك پىلانى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، نۆۋەتتە ئۈچىنچى تۈركۈمدە ئىلتىماس قىلىش، باھالاش خىزمىتى تاماملىنىپ، جەمئىي 94 نەپەر چەتئەل مۇتەخەسسىسى كىرگۈزۈلگەن.

  چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەر مىڭ كىشىلىك پىلانى مىڭ كىشىلىك پىلان دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئۇ يۇقىرى قاتلاملىق چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەر تۈرى، 2011-يىلى 8-ئايدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان. بۇ تۈرنىڭ نىشانى ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى نۇقتىلىق كەسىپلەر ۋە ئاچقۇچلۇق ساھەلەرنىڭ تەلىپىنى چۆرىدەپ، 10 يىل ئىچىدە 500 دىن مىڭغىچە يۇقىرى قاتلامدىكى چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەرنى كىرگۈزۈش، ھەر يىلى 50 دىن 100 گىچە كىرگۈزۈش.

  تونۇشتۇرۇلىشىچە، چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەر پىلانىدا كىرگۈزۈلگەن چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەر ئاساسلىقى قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، ھاياتلىق ئىلمى، ئۇچۇر ئىلمى قاتارلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشكەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئېلىمىزدىكى ئىختىساسلىق خادىملار بىرقەدەر كەمچىل كەسىپلەر ئىكەن، ئۇ يەنە تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن يىلى ئېلىمىز تۈرلۈك مۇتەخەسسىس تۈرىدىن 10مىڭدىن كۆپرەكنى تەستىقلىدى، چەتئەللىك مۇتەخەسسىستىن 35 مىڭ ئادەم قېتىمدىن كۆپرەك تەكلىپ قىلدى.

  بۇ يىل ئېلىمىز چەتئەللىك يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلارنى داۋاملىق زور كۈچ بىلەن كىرگۈزىدۇ شۇنىڭ بىلەن بىرگە بازارلاشتۇرۇش ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزدىنىپ دۇنيادىكى تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى قاتلاملىق مۇتەخەسسىسلەر تەشكىلاتى، خەلقئارا ئىختىساسلىقلارنى تونۇشتۇرۇش شىركەتلىرى بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، چەتئەلنىڭ يۇقىرى قاتلامدىكى ئەقلىي كۈچ بايلىقىنى ئاچىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە