باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بۇ يىل دۆلەت شىنجاڭدا سۇلياۋ يوپۇقنى يىغىۋېلىپ قايتا پايدىلىنىش تۈرىنى يولغا قويۇشنى كۈچەيتىدۇ

2013.01.16 15:47        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 15-يانۋار بېيجىڭ خەۋىرىمۇخبىرنىڭ 14-يانۋار شىنجاڭ سۇلياۋ ئۇپۇقنى يىغىۋېلىپ قايتا پايدىلىنىش نەق مەيدان يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل دۆلەت سۇلياۋ يوپۇقنى يىغىۋېلىپ قايتا پايدىلىنىش تۈرىنى يولغا قويۇشنى كۈچەيتىپ، 70 نەچچە مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يېڭىدىن 25 ئۈلگە كۆرسىتىش ناھىيىسىنى كۆپەيتىشنى پىلانلىغان.

  شىنجاڭدا ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن باشلاپ، سۇلياۋ يوپۇق يېپىپ تېرىقچىلىق قىلىش تېخنىكىسى كەڭ كۆلەملىك قوللىنىلغانلىقتىن، زىرائەتلەرنىڭ مەھسۇلات مىقدارى زور كۆلەمدە ئاشقان. ئەمما ئېتىزلاردا سۇلياۋ يوپۇق ئىشلىتىش مىقدارىنىڭ ئېشىشى ۋە ئۈنۈملۈك ئوڭشاش تەدبىرى كەم بولغانلىقتىن، كېرەكسىز كونا سۇلياۋ يوپۇقلار ئېتىزلاردا يىغىلىپ قېلىپ، بۇلغىنىش ئېغىرلىشىپ، يېزا-ئىگىلىكىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتى ۋە دېھقانلارنىڭ ئۈزلۈكسىز كىرىم قىلىشىغا توسالغۇ بولۇۋاتقان ئاساسلىق ئامىل بولۇپ قالدى.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 2010-يىلىدىن باشلاپ سۇلياۋ يوپۇقنى ئىشلىتىش، يىغىۋېلىش ۋە بايلىق تىپىدە پايدىلىنىشتىن تۇتۇش قىلىپ، سۇلياۋ يوپۇقنىڭ بۇلغۇشىنى ئۇنىۋېرسال ئوڭشاش خىزمىتى مېخانىزمى ئۈستىدە ئىزدەندى. 2012-يىلى دۆلەت جەمئىي 51 مىليون 170 مىڭ يۈەن تولۇقلىما مەبلىغى بېرىپ، شىنجاڭدىكى 17 ناھىيە، شەھەردە سۇلياۋ يوپۇقنى يىغىۋېلىپ پايدىلىنىش ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى خىزمىتىنى قانات يايدۇردى.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 2013-يىلىدىن باشلاپ، ئېتىزلاردىكى كېرەكسىز كونا سۇلياۋ يوپۇقلارنىڭ بۇلغۇشىنى ئۇنىۋېرسال ئوڭشاش مەخسۇس تۈرىنى تەسىس قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك نازارىتى ئېتىزلاردىكى كېرەكسىز كونا سۇلياۋ يوپۇقلارنىڭ بۇلغۇشىنى ئۇنىۋېرسال ئوڭشاش پىلانىنى تۈزۈپ، سۇلياۋ يوپۇقلارنىڭ بۇلغۇشىنى ئوڭشاش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشكە باشلىغان.

  مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە