باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئوباما ئومۇميۈزلۈك قورال تىزگىنلەش تەدبىرىنى ئېلان قىلدى

2013.01.17 13:45   مەنبە: خەلق تورى

ئوباما ئومۇميۈزلۈك قورال تىزگىنلەش تەدبىرىنى  ئېلان قىلدى

  16-يانۋار، ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگىتوندىكى ئاق سارايدا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما قورال تىزگىنلەشكە مۇناسىۋەتلىك مەمۇرىي پەرمانغا ئىمزا قويدى. شۇ كۈنى ئوباما ئاق سارايدا ئومۇميۈزلۈك قورال تىزگىنلەش تەدبىرىنى ئېلان قىلدى، ئۇ قانۇن، مائارىپ، ساغلاملىق، پەن تەتقىقات قاتارلىق مەزمۇنلارغا چېتىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ پارلامېنتنىڭ ھەرىكەتكە كېلىپ، ھۇجۇم تىپىدىكى قوراللارنى ۋە چوڭ سىغىملىق ئوقدانلارنى سېتىشنى مەنئى قىلىشنى، قورال سېتىۋالغۇچىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشىنى مۇراجىئەت قىلدى. ئارقىدىنلا، ئوباما قورال تىزگىنلەشكە مۇناسىۋەتلىك 23 مەمۇرىي پەرمانغا ئىمزا قويدى.

  16-يانۋار، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما قورالنى ئەتراپلىق باشقۇرۇش تەدبىرىنى ئېلان قىلدى. بۇ تەدبىرلەر بەلگىلىك خەلق رايىنىڭ قوللاش ئاساسىغا ئىگە، ناۋادا ئۇ ھەقىقىي ئىجرا قىلىنسا قوراللىق جىنايەتلەرنىڭ كۆپلەپ يۈز بېرىشىنى چەكلەشكە مەلۇم دەرىجىدە پايدىسىمۇ بولىدۇ. بۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ قورال باشقۇرۇش مەسىلىسىدە باسقان چوڭ بىر قەدىمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. لېكىن بەزى مۇتەخەسسىسلەر مۇنداقمۇ كۆرسەتتى، قورال باشقۇرۇشتا زور ئىلگىرلەشنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئامېرىكا چوڭ ئۆزگەرىشكە موھتاج، بۇنداق ئۆزگىرىش قانۇنغىلا چېتىلىپ قالماي، بەلكى يەنە ئىجتىمائىي ئۆلچەمگىمۇ چېتىلىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

     تەۋسىيە

    ·ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا قاتناشقالارنىڭ قانچىسى ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىدۇ؟(1)
    ·ش ئۇ ئا ر مائارىپ نازارىتى يەسلىدە باشلانغۇچ مەكتەپ دەرسلىك مەزمۇنلىرىنى ئوقۇتۈشنى چەكلىدى 
    ·چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇشقا قانچىلىك راسخوت كېتىدۇ؟
    ·ش ئۇ ئا ر  20 ئىقتىساسلىق خادىمنى رۇسىيەگە تەربىيەلىنىشكە ئەۋەتىدۇ 
    ·ئۆزبېكستاندا تۇتقۇن قىلىنغان قىرغىزىستانلىق تۇتقۇنلار قويۇۋېتىلدى 
    ·دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانىنىڭ يۈز-تۇرانە ئىمتىھان تىزىملىكى ئېلان قىلىندى، بىر ئورۇنغا تىزىملاتقان 95…
    ·2013-يىللىق سەنئەت ئېمتىھانىغا دائىر يېڭى سىياسەتلەر: مەركىزىي تىياتىر ئىنسىتىتۇتىدىن ماتېماتىكا ئى…
    ·ئېلىمىزنىڭ قازاقىستاندىن تۇرۇبا ئارقىلىق ئىمپورت قىلغان نېفىت مىقدارى 50 مىليون توننىدىن ئاشىدۇ 
    ·شىنجاڭ كەلگۈسى بەش يىلدا ئاز سانلىق مىللەت قوش تىللىق ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىدۇ 
    ·مائارىپ سېلىنمىسى داۋاملىق ئاشتى