باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2012-يىلى قوراللىق جىنايەت سادىر قىلىش دېلوسى ۋە پارتلىتىش دېلوسى %42 ۋە %27 تۆۋەنلىدى

2013.01.16 16:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگىراممىسى: (مۇخبىر شى جىننەن، زوۋ ۋېي) 2012-يىلى پۈتۈن مەملىكەتتىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى قورال يىغىش، پارتلىتىشنى تىزگىنلەش مەخسۇس ھەرىكىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلدى. مەملىكەت بويىچە قوراللىق جىنايەت سادىر قىلىش دېلوسى ۋە پارتلىتىش جىنايەت دېلوسى %42 ۋە %27 تۆۋەنلىدى.

  مۇخبىر 15-چېسلا جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىدىن مۇنداق خەۋەر تاپتى، ئۆتكەن يىلى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى جەمئىيەتتىكى قانۇنسىز قورال ۋە پارتلاتقۇچ بۇيۇملىرىنى يىغىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئوۋ مىلتىقى، يەل مىلتىق ۋە پۇرۇخ مىلتىقى قاتارلىق قانۇنسىز مىلتىقلاردىن بولۇپ جەمئىي 160 نەچچە مىڭ مىلتىق، 8 مىليون 100 نەچچە مىڭ پاي ئوق، 2780 نەچچە مىڭ توننا پارتلاتقۇچ دورىسى، 10مىليون 900 نەچچە مىڭ تال پىستان يىغىۋالغانىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئامما ئۆزلۈكىدىن تاپشۇرغان ۋە ئاممىنىڭ پاش قىلىشى بىلەن تەكشۈرۈپ يىغىۋالغان قانۇنسىز قورال ۋە پارتلاتقۇچ بۇيۇملار %60 تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدىكەن.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە